تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت ۋە تارىخ مىللەت ۋە ئۆرىپ ئادەتلەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى سودا توغرىسىدا
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1219|ئىنكاس: 0

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى سودا توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى سودا توغرىسىدا
«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تە كۆرسىتىلگەن
سودا توغرىسىدا

ئاپتۇرى ؛بۇئايشەم غولام

39.jpg

   قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي تىللىق ھەر قايسى مىللەت، قەبىلىلەرنىڭ سودا ۋە  ئىشلەتكەن پۇل، سودا ئېلىپ بارغان رايون، سودىدا قوللانغان سودا ئاتالغۇلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بولغان نۇرغۇن بايانلار بار بولۇپ، بولۇپمۇ، ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ ئىشلەتكەن پۇلى ۋە سودىدا قوللانغان سودا ئاتالغۇلىرى، بىر قاتار ماتىرىياللارنىڭ پۇل قىلىپ ئىشلىنىشى، قەيەرلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سودا ئالاقىسى قاتارلىق مەزمۇنلار كۆرسىتىلگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ كۆزگە چېلىقىدىغىنى بولسا، شۇ دەۋر خەلقىنىڭ ئىشلەتكەن پۇللىرى بولۇپ، شۇ پۇللارنى زادى قانداق ماتىرىياللارنى خام ماتىرىيال قىلىش ئارقىلىق شۇ پۇللارنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە شۇ پۇللارنىڭ قىممىتىنى قانداق ھېسابلىغان قاتارلىقلار.


    ئاچقۇچلۇق سۆز:    «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، سودا، پۇل، سودا-سېتىق ئاتالغۇلىرى
      
ھەر قايسى ساھەدىكى بىلىم ئىشتىراكچىلىرىغا مەلۇمكى، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى، تىلشۇناس مەدمۇد كاشغەرىي يازغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىغا مەنسۇپ مەشھۇر يازما يادىكارلىق. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋىردە ياشىغان تۈركىي تىللىق قەبىلە- مىللەتلەر تىلللىرى سېلىشتۇرما تەتقىقاتىنىڭ ئۆچمەس نامايەندىسى. ئۇ مەزمون جەھەتتىكى چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن قامۇس ئەسەر بولۇپ، خاتىرە، ئىزاھاتلىرىنىڭ چىنلىقى، ئىلمىيلىكى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلىرىدىكى ماددىي، مەنىۋىي ئەھۋالى ئەينەن خاتىرىلەنگەن ئەبەدىيلىك ھۆججەتتۇر. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان» دا تۈركىي تىللارنىڭ ھەر قايسى دېئالىكىت، شىۋە پەرقلىرىنى سېلىشتۇرۇش، ئىزاھلاشتا تولىمۇ ئىلمىي، ئەستايىدىل ۋە سەمىمىي پوزىتسىيىدە بولغان. ھەر قانداق بىر نەرسىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، سۈپىتى، خۇسۇسىيەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئىنچىكە كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەگەر سىز «دىۋان» نى بىر قېتىم ئوقۇپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يېزىلغان نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز ئەلۋەتتە!  بۇنىڭدىكى ھەر قايسى ساھەلەر دەپ ئۆتكىنىم بولسا، ئائىلە سەرامجانلىرى، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى، تىبابەتچىلىك دورىلىرى، يېمەك-ئىچمەك ناملىرى، زىبۇ-زىننەت، كىيىم-كېچەك ۋە كىيىم-كېچەك سايمانلىرى، يىپەك، سودا، ئۆي-ئىمارەت، قۇرۇلۇش، بوتانىكا، پەلسەپە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىن چۈشەندۈرۈش بەرگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ھەمدە شۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى، قايسى قەبىلىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، نېمىلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى توغرا ۋە ئىلمىي چۈشەندۈرۈشكە بەك دىققەت قىلغان.
مەن بۇ مەۋسۈمدە بۇ دەرسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ۋە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى ئۆگەنگەندىن كېيىن ، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى شۇ دەۋر كىشلىرىنىڭ  سودا توغرىسىدىكى پائالىيەتلىرى، قەيەرلەر بىلەن نىمە توغرىسىدا سودا ئالاقىسى قىلغان يەنى ( مەھمۇد كاشغەرى ئۆزى سىزغان شۇ دۇنيا خەرىتىسىدە كۆرسىتىلگەن ھەممە رايونلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغانمۇ ياكى قانداق سودا ئالاقىسى قىلغان، قانداق تاۋارلار ئۈستىدە ۋە ياك باشقا نەرسىلەدىن ئالماشتۇرش ئېلىپ بارغانمۇ؟ دېگەندەك...) ئىشلەتكەن پۇل ۋە سودا-سېتىق ئاتالغۇلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار جەھەتتىن ئىزدەنگەنلىرىمنى ۋە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
   قاراخانىيلا سۇلالىسى دەۋردە، ئۇيغۇرلارنىڭ سودىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان.نۇرغۇن جايلاردا بىر مۇنچە يېڭى گۈللەنگەن مۇقىم بازارلار شەكىللىنىپ، كۆپلەپ مېتال پۇل قۇيدۇرۇپ تارقىتىلغان. بۇ ئەھۋال مەزكۇر سۇلالىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، سودا پائالىيىتىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. سانائەت ۋە سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىقتىساتنىڭ گۈللىنىشى، شەھەرلەرنىڭ كېڭىيىشى ۋە يېڭىدىن بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ دەۋردە مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە بارلىققا كەلگەن مارالۋېشى يەنى (بارچۇق) ، ئاقسۇ يەنى (ئەردەبىل)، كۇچار، قەشقەر، ياركەند، خوتەن (ئۇدۇن)، بالاساغۇن، ياقالىغ، ئاشپارا، تىرمىز، بۇخارا، تالاس قاتارلىق قەدىمىي شەھەرلەر يەنىمۇ كېڭەيدى. ئارخىئولوگىك تەكشۈرەشلەرنىڭ نەتىجىسى 10-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە ئىلى دەريا ۋادىسىدا 56 جايغا يېڭى بازار سېلىنىپ، ئۇنىڭ بەزىلىرىنىڭ شەھەرگە ئايلانغانلىقىنى تەستىقلايدۇ.
       تۆۋەندە مەن ئالدى بىلەن شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىشلەتكەن پۇلى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن پۇللارنىڭ نامى ۋە سودىدا قوللانغان سودا ئاتالغۇلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.( بۇنىڭدا مەن ھەر قايسى ماتىرىياللاردا چۈشەندۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى كىرگۈزدۈم).

      ئىشلەتكەن پۇللار:
Agin
مەنىسى- ئېنى بىر يېرىم غېرىچ، بويى تۆت گەزلىك بىر بۆز (سۇۋار قەبىلىسى شۇنىڭ بىلەن سودا-سېتىق قىلىدۇ، 1-توم، 106- بەت).
bӧz
مەنىسى – بۆز ( 3- توم، 169 – بەت).
قامدۇ – بويى تۆت گەز، ئىنى بىر غېرىچ كېلىدىغان بىر پارچە بوز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر خاننىڭ تامغىسى بېسىلغان بولۇپ، سودا-سېتىقتا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ پۇل كونىرىسا ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم يۇيۇپ ئۈستىگە باشقىدىن تامغا بېسىلىدۇ. ( «بۇ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستۇتى پەن-تەتقىقات باشقارمىسى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» 1980-1985).
بۇ «قامدۇ» دېگەن پۇل توغۇرلۇق رېشات گەنچنىڭ (تۈركىيە) «11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر» دېگەن كىتابىدىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش چۈشەندۈرۈلگەن.

بەنەك- يارماق، مىس پۇل(«بۇ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستۇتى پەن-تەتقىقات باشقارمىسى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» 1980-1985).
بەنەك - «دىۋان» دا «باقىر» دېيىلىدىغان بىر خىل مىس ئاقچىنىڭ جۇڭگودا ئاقىدىغانلىقى سۆزلەنگەن ۋە ئۇ ئېلىم- سېتىمدا ئىشلىتىلىدۇ، دېيىلىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي يەنە «بەنەك» دېگگن سۆزنىمۇ مىس پۇل دەپ تەرىپلىگەن بولسىمۇ، بۇنى كىملەرنىڭ ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

كۈمۈش- كۈمۈش تەڭگە. چۈنكى تەڭگىنىڭ تەركىبىدە كۈمۈش بار.( «بۇ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستۇتى پەن-تەتقىقات باشقارمىسى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» 1980-1985).

ئۇرۇغلۇغ- ئۇرۇغلۇغ ئالتۇن: ئاقچا قىلىپ قۇيۇلغان ئالتۇن، باشقىلاردىمۇ شۇنداق. ( تۈركىي خەلقلەر «ئەرەبچە مېتال پۇل» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا «ئۇرۇغلۇغ» دېگەن سۆزنى قوللانغان).

Ügün
مەنىسى- پۇل ياكى گۈل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ توپى ( 1- توم، 106- بەت).

Yarmaq
مەنىسى – يارماق، پۇل ( 3- توم، 57 – بەت).

Yartmaq
مەنىسى – يارماق، تەڭگە ( 3- توم، 588 – بەت).
مەن تۆۋەندە يەنە يۇقىرىدا سۆزلەنگەن پۇللار توغۇرلۇق قىسقىچە مەزمۇن قىستۇرۇپ ئۆتەي.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يازغانلىرىدىن قارىغاندا XI ئەسىردە تۈركىي خەلقلەر پۇلنى «يارماق» دېيىشەتتى⑴. بىراق «دىۋان»دىن يارماقنىڭ قانداق پۇل ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي كىتابىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە پۇلنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇ پۇللارنىڭ زادى قانداق پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. بىز «دىۋان» دىكى «يارماق» دېگەن سۆزنى ئەرەبچىدىكى «دەرھەم» دەپ تەرجىمە قىلغانلىقىغا قاراپ، «يارماق» نىڭ بىر خىل كۈمۈش پۇل ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي يەنە «كۈمۈش» دېگەن سۆزنى «تەڭگە» دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى :« چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە كۈمۈش بار» ⑵ دەپ چۈشۈندۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار «يارماق» نى باشقا تۈركىي خەلقلەردىن سەل-پەل پەرقلەنگەن ھالدا «يارتماق» دەپ ئاتىغان بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئىككى خىل ئاتالغان، ئەمما بىر خىل مەنىنى بىلدۈرگەن.
   «بۆز» گە كەلسەك : تۈرك قوۋملىرى ئىچىدە سودىگەرچىلىكنى خېلى بۇرۇن باشلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مېتال پۇللىرىنىڭ يوقلىقىغا ۋە بارلىق پۇللىرى ئاشۇ خىل بۆزلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئېشىنىش تولىمۇ قىيىن. ئەمەلىيەتتە مەھمۇد كاشغەرىيمۇ «يارتماق» دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە «دەرھەم» دەپ چۈشەندۈرگەنلىكىنى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. ئا.جافەر ئوغلۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مېتال پۇللىرى ۋە ئۆلچەم بىرلىكلىرى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. قارىغاندا بۇ «بۆز» پۇل سودىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كېلىپ چىققان كۆپ مىقداردىكى پۇلنى ئوڭاي يۆتكەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان ۋە ھازىرقى قەغەز پۇل ياكى چەك ئورنىدا ئىشلىتىدىغان نەرسە بولسا كېرەك.
   يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، «بۆز پۇل» XI ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىدا يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا خاس نەرسە ئەمەسلىكىمۇ مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن سۇۋار قەبىلىسىمۇ «ئەگىن» دېيىلىىغان ۋە ئىنى بىر يېرىم غېرىچ، بويى تۆت گەز كېلىدىغان بىر خىل بۆزنى سودا-سېتىقتا پۇل ئورنىدا ئشلىتەتتى. مەلۇم بولۇشىچەم سۇۋار شەھىرى ئىدىل بۇلغارلىرى دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇلغارلارمۇ ئىدىل دەريا قاتنىشى ئارقىلىق خېلى بۇرۇنلا ھەر قايسى خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرغانىدى. ئۇلارمۇ بۆزنى سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ئىشلەتكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،بۇ «بۆز پۇل» نى پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى بۇلغارلارنىڭمۇ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
يەنە پۇلنىڭ قىممىتى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەرسەم:
  «دىۋان» دا پۇلنىڭ قىممىتى توغرىسىدىمۇ كۆرسەتمە بەرگەن بولۇپ، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب بولسا، تۈركىي خەلقلەر دۈگىلەك دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا«ياپ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكىنى، مۇشۇ ئاساستا ئۇلار يۇمىلاق، دۈگىلەك پۇلنى «ياپ يارماق» دېيىشكەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «يېنىمدا ياپ يارماق يوق» دېگەن سۆز ئارقىلىق «پۈتۈن پۇل يوق» دېگەن مەنىنى ئىزاھلىغانلىقىنى، بۇنىڭلىق بىلەن پۈتۈن پۇل بىلەن چەت-چۆرىسى بۇزۇلغان پۇللارنىڭ قىممىتىدە پەرق بارلىقىنى، پۇل بۇزۇلسا، قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى، بۇزۇلغان پۇللارغا قارىتا «پۇچۇق پۇل» دەپ پۇل ئاتالغۇسى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. تۈركىي خەلقلەر بەزى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى، پۇچۇلانغان ياكى پارچىلانغان بەزى پۇللارنى مېتاللار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قىممىتى تۆۋەنرەك پۇل ياسىغانلىقىنىمۇ كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

   سودىدا قوللانغان سودا ئاتالغۇلىرى:
Asïğ
مەنىسى – پايدا، نەپ ( بىرىنچى توم 87- بەت)
مەھمۇد كاشغەرىي بۇ سۆزنىڭ قايسى شېۋىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتمىغان، ئەمما بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىشلەتكەنلىكىگە قاراپ، XI ئەسىردە خاقانىيە شېۋىسىدە شۇنداق دېيىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. ئەمما «ئاسېغ» دېگەن سۆز ئورتاق قوللىنىلىدىغان سودا-سېتىق ئاتالغۇسى ئىدى.

Alïš
مەنىسى – قەرز ئېلىش ( 1- توم، 84- بەت).
بۇ سۆز رېشات گەنچنىڭ (تۈركىيە) «11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر» دېگەن كىتابىدا كۆرسىتىلمىگەن. ئەمما «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بۇ سۆز بار.

üküšlӓdi
مەنىسى- كۆپسىندى، كۆپ دەپ ھېساپلىدى (مىسال- ئادەم مېلىنى كۆپ دەپ ھېساپلىدى. 1- توم، 390- بەت).

Qïz
مەنىسى- قىممەت ( 1- توم، 426- بەت).

bӓrt
مەنىسى- بېرىم (مىسال- قۇلنىڭ ھەر يىلى قۇل ئىگىسىگە بېرىدىغان بېرىمى. 1- توم، 145- بەت)

Sart
مەنىسى- سودىگەر (1- توم، 146- بەت)
ئۇيغۇرلارغا «سارت» دېگەن سودا ئاتالغۇسى پارسلاردىن كىرگەن. ئۇيغۇرلاردا «سودىگەر» دېگەن مەنىدىكى «سارت» دېگەن سۆز خېلىلا كەڭ مەنىدە قوللىنىلغان بولۇپ، مۇنداق بىر ماقالنى مىسالغا ئالىدۇ: « سارتنىڭ ئازۇقى ئارىغ بولسا يولسا يەر». بۇ ماقالدا ئۆزىنى بەك پاك ۋە توغرا ھېسابلاپ مەيدىسىگە ئۇرىدىغان، بىراق سۆزىنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالمايدىغان ئادەملەرگە قارىتىپ ئېيتىلدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ھەمدە يەنە «ئىش پەيتىدە، سودىگەر پايدىدا» دېگەن ماقالنى مىسالغا كەلتۈرۈپ، شۇ دەۋر كىشىلىىنىڭ سودىگەرلەرگە قارىتا قانداق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بۇ سۆزلەر سودىگەرلەرنىڭ تەبىئىتى ۋە خاراكتىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەندەك، «سارت» دېگەن ئىسىمنىڭ ماقال-تەمسىلەردىن ئورۇن ئالغۇدەك دەرىجىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.  
kӓbit
مەنىسى- مەيخانا، قاۋاقخانا (1- توم، 463- بەت)
مەن بۇنى مىسالغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب بولسا، «دىۋان» دا بۇ ئاتالغۇ ئۇچرىغانلىقى ۋە شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ «مەيخانا، قاۋاقخانا» ئېچىش ئارقىلىقمۇ سودا قىلغانلىقى، بۇمۇ بىر خىل سودىنىڭ شەكلى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما مەن كۆرگەن كىتابلاردا، بۇ ئىسىمنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ياكى مۇشۇنداق سودا قىلغان دەپمۇ كۆرسەتمەپتۇ،شۇڭا مەن بۇ ئىسىمنىمۇ مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈشنى توغرا تاپتىم.
Satïğ
مەنىسى – سودا-سېتىق ( 1- توم، 484- بەت)

bӓrim
مەنىسى – بېرىم، قەرز ( 1- توم، 532- بەت)
ئا.جەفەر ئوغلۇ «بەرىم» دېگەن سۆزنىڭ ئاساسىي مەنىسى قەرز دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى يېزىش بىلەن بىللە، «ئالىم» دېگەن سۆزنىمۇ قەرز دېگەن مەنىدە دەپ ئىزاھلىغان.
Burta
مەنىسى – ئالتۇن ۋاراق سېتىلىدىغان نەرسە ( 1- توم، 543- بەت)
Satïğlïğ
مەنىسى – سېتىلىدىغان نەرسە ( 1- توم، 655 – بەت )
Satturdï
مەنىسى – ساتتۇردى ( 2- توم، 261- بەت)
Satïndï
مەنىسى – ساتىدىغاندەك كۆرۈندى ( 2- توم، 212- بەت)
Qïzlandï
مەنىسى – قىممەت كۆردى، قىممەت سانىدى ( 2-توم، 366- بەت).
Sattï
مەنىسى – ساتتى ( 2- توم، 430- بەت)
Yap
مەنىسى - ① دۈگىلەك ② جاۋىغا ( ھەر قاندان يۇمىلەق شەكىلدىكى نەرسىنى كۆرسىتىدۇ، 3- توم، 1- بەت).
Yük
مەنىسى – يۈك، ئارتىق، مال ( بۇ سۆز ئېغىرلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەنىلەردىمۇ قوللىنىدۇ، 3- تو، 3- بەت).
Yanut
مەنىسى – بەدەل ( بىر نەرسىنىڭ باراۋىرىگە بېرىلىدىغان ھەق، 3- توم، 9 – بەت ).
Yarïš
مەنىسى - ① بەيگە ② بۆلۈش ③ بۆلۈشۈش ( ① ئات بەيگىسى ② ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا  مال ئۆلۈشۈش ، 3- توم، 11 –بەت ) .
Yarmaqlandï
مەنىسى- يارماقلىق بولدى ( 3- توم، 160 – بەت).

tӓr
مەنىسى – ئىش ھەققى، ئىش ھەققى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل ( 3- توم، 203 – بەت).

Yas
مەنىسى – زىيان، زەرەر (مىسال- ئۇنىڭغا كۆپ زىيان تەگدى، anïng tӓlim yašï tӓgdi ،  3- توم، 218 – بەت). رېشات گەنچنىڭ (تۈركىيە) «11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپمۇ كۆرسىتىلگەن: سودىدىكى زەرەر ۋە زىيان «قور» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادە قىلىناتتى. ئېلىم-سېتىمدا زىيان تارتقان چاغدا «ئەر قور قىلدى» دېيىشەتتى. بۇ سۆز زەرەر-زىيان دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇيغۇرچە خاتىرىلەردىمۇ ئوخشاش تەلەپپۇزدا «قور» دەپ ئۇچرايدۇ.
Qïzudï
مەنىسى – قىممەتلىدى، باھاسى كۆتۈرۈلدى ( مىسال- مال قىممەتلىدى، tawar qïzudï ، 3- توم، 361- بەت). مېنىڭچە مانا بۇ مىسال ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ نېمىشقا پۇلنى پۇچىلاپ ياكى پارچىلاپ ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە پارچىلاپ مېتاللار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىگە سەۋەب تاپالايمىز.
Satsadï
مەنىسى – ساتقۇسى كەلدى ( 3- توم، 387- بەت).

Satïğsadï
مەنىسى – ساتقۇسى كەلدى

Satïğladï
مەنىسى – سودا قىلىشتى، سېتىشتى (3- توم، 458 – بەت).

ӧtünč
مەنىسى – ئۆتنە، قەرز ( 3- توم، 607 – بەت).
«دىۋان» دىكى «مەن ئاڭار يارماق ئۆتۈنچ بەردىم»، يەنى «مەن ئۇنىڭغا پۇل ئۆتنە بەردىم» دېگەن جۈملىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى «ئۆتۈنچ» دېگەن سۆز ھازىرمۇ تۈركچدە ئەينى مەنىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى، تۈركىي خەلقلەر شۇ چاغدىمۇ ھازىرقىدەكلا ئېھتىياجلىق بولغان چاغلاردا بىر-بىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىشاتتى. بۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئەھۋال. بەزىلەر يەنە ئۆتنە دېگەن مەنىدە «ئۆتنۈ» دېگەن سۆزنىمۇ ئىشلەتكەن.
بۇلاردىن باشقا رېشات گەنچنىڭ (تۈركىيە) «11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر» دېگەن كىتابىدا مۇنداق بىر قانچە سودا ئاتالغۇسى بېرىلگەن، ئۇلار بولسا تۆۋەندىكىچە:
كاپالەت: «دىۋان» دىكى «ئوقا» دېگەن سۆز ئەنە شۇنداق كېپىللىك، كاپالەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. مىسالى بولسا: «مەن ئانى ئوقا ئالدىم» دېگەن جۈملىنىڭ «مەن ئۇنى كېپىللىككە ئالدىم» دەپ ئىزاھلىشى، كېپىل بولغۇچى ئورگانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.تۈركىي خەلقلەر كېپىل بولۇش دېگەن مەنىدە يەنە «ئەل تۇتماق» (قول تۇتماق) دېگەن سۆزنىمۇ ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئەلىك تۇتقۇنچە ئوت تۇت» يەنى «كەپىل بولغۇچە ئوت تۇت» دېگەن ماقالنى مىسالغا كەلتۈرۈشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

شېرىك:
بۇ مەنىدە XI ئەسىردە «ئورتاق» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. مەھمۇد كاشغەرىي «ئورتاق» دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماقالنى مىسالغا ئالىدۇ:«ئورتاق، ئۆز ئورتىقىدىن ئارتۇق ئالماس». ئۇ بۇ ماقالنىڭ ئادەمنى ئىنساپلىق بولۇشقا ئۈندەپ دېيىلدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.بۇ ماقالدىن قارىغاندا بەزى ھاللاردا شېرىكلەر بىر-بىرىنى ئالدايدىغان ئىشلارمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنىڭدەك ماقاللارنىمۇ كۆرسىتىپ، مىسالغا ئالغان.
     يۇقىرىدا مەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ پۇلى ۋە سودا ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ ئىزدەنگەنلىرى ۋە بىر قىسىم كىتابلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتتۈم. ئەمدى تۆۋەندە مەن  شۇ دەۋر تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەيەرلەر بىلەن قانداق، نىمە توغرىسىدا سودا ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتەي.

تۈركلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا
1) چىن دۆلىتى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى:
«دىۋان» دا 20 خىلدىن ئارتۇق يىپەك كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى «بىر خىل چىن يىپىكى»، «چىندا ئىشلەنگەن يىپەك رەخت»، «چىننىڭ يىپەك رەختى» دېيىش ئارقىلىق، شۇ خىل يىپەك توقۇلما بۇيۇمنىڭ ئىشلەنگەن ئورنى بولغان «چىن» سۆزىنى قوشۇپ ئىزاھلىغان.  بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، شۇ دەۋر تۈركلىرىنىڭ «چىن» بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ شۇنچە قويۇق بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەمدى بۇنداق دېگەنلىك، تۈركىي خەلقلەرنىڭ يىپەكچىلىك ئىشلىرى پەقەت تەرەققىي قىلمىغان دەيدىغان كۆز قاراشقا كېلىپ قالساق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلار ياشىغان ۋە ھازىرمۇ ياشاپ كېلىۋاتقان كەڭ زېمىنلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىشلاردا بايقالغان زور مىقداردىكى يىپەك بۇيۇملار ۋە ئۇيغۇرلاردا ھازىرمۇ ئەنئەنىۋى ئىگىلىك سۈپىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان پىلە بېقىپ پىلە چىقىرىش، ئەتلەس توقۇش قاتارلىق مەدەنىيەت رېئاللىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەكچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشىغان زېمىنلاردىكى قەدىمىي كارۋان يوللىرى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە «يىپەك يولى» دەپ ئاتالدى. ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا قۇرۇقلۇقلىرىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ يولنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم تۈگۈنلىرىدە تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ياشىغانلىقى ھەممىگە ئايان. يىپەكچىلىك تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشى بىر دۆلەت ۋە بىر رايون خەلقلىرىنىڭ ماددىي جەھەتتىكى قىممەت قارىشى ۋە مەنىۋى گۈزەللىك قارىشىنىلا ئەمەس، ئاشۇ دۆلەت، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇلىنىڭ ناھايىتى پۇختا ئىكەنلكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك، بىز بۇنىڭلىق بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەقەت «چىن» بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا، ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى «چىن» دىن باشقا باشقا دۆلەت، ئافرىقا قاتارلىق قىتئەلەردىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئارا ھەرخىل تاۋار ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ يىپەك ئالماشتۇرۇش ۋە يىپەك سودىسى قاتارلىق سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئورناتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە ! مەن تۆۋەندە شۇ دەۋر تۈركىي خەلقلەرنىڭ چىنلار بىلەن بولغان چىن يىپەكلىرى توغرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە ئاساسلىق بولغان چىن يىپەكلىرىنى جەدۋەل تۈزۈش شەكلى ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتەي:
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش