تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر خەۋەرلەر سەھنىسى دۇنيادىكى ئىشلار 24 سائەت ئىچىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەر: 16-ئۆكتەبر
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1212|ئىنكاس: 0

24 سائەت ئىچىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەر: 16-ئۆكتەبر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23
ۋاقتى: 2016-10-17 11:55:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqila تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-17 11:56  

20161016232541262.jpg

1. رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ھىندىستان گوئادا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

2. ئىككى كۈن ئېچىلىدىغان 23-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلات مالىيە باشلىقلىرى ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلدى

23-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) مالىيە باشلىقلىرى يىغىنى 15-ئۆكتەبر يېپىلدى. يىغىندا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ماتور بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپلىگەن مۇرەككەپ خىرىسلارغا دۇچ كەلدى دەپ قارالدى. APECدىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۆزى ياكى بىرلىكتە پۇل، مالىيە ھەمدە قۇرۇلمىلىق سىياسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوراللارنى ئىشقا سېلىپ، مەزكۇر رايون ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، سىجىل، تەڭپۇڭ ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

3. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۇرىيە ۋەزىيىتىدىكى سۆھبەتلەشكۈچى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق كۆرۈشۈشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا، رۇسىيە ھەمدە سۇرىيە ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 15-ئۆكتەبر لوساننىدا سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كەسكىن ۋەزىيىتىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى، سۆھبەت ھېچقانداق نەتىجە جاكارلىمىدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف يىغىندىن كېيىن بىلدۈرۈشىچە، يىغىندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر كېلىشىم تۈزگەنگە قەدەر داۋاملىق كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولغان.

4. شوتلاندىيە جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى»نىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرىدۇ

شوتلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى ستۇرگېننىڭ 15-ئۆكتەبىر بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەسىرلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئېھتىماللىققا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ھەمدە شوتلاندىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى قوغداش تەدبىرىنى ئىشقا سالىدىكەن.

5. رۇسىيەنىڭ ئاۋىئاماتكا ئەترىتى ئوتتۇرا دېڭىزغا ئاتلاندى

رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «كۇزنېتسوۋ» ناملىق ئاۋىئاماتكا ئەترىتى شۇ جاي ۋاقتى 15-ئۆكتەبر چۈشتىن كېيىن رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سېۋېروموسك پورتىدىن يولغا چىقىپ ئوتتۇرا دېڭىزغا ئاتلاندى، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ئارمىيە فلوتىغا ياردەم قىلىپ، خەلقئارا تېررورىزمغا زەربە بېرىدۇ.

6. بان كىمون ھايتىغا بېرىپ قارا بوران ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى

ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 15-ئۆكتەبىر ھايتىغا يېتىپ بېرىپ، بۇ ئاينىڭ بېشىدىكى كۈچلۈك قارا بوران «Matthew» پەيدا قىلغان ھايتىدىكى ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى.

ھايتى زۇڭلىسى چارلېس شاھزادە پورتى خەلقئارا ئايرودومىغا بېرىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى ھەم بان كىمونغا ھەمراھ بولۇپ تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان جەنۇبتىكى شەھەر لېس كەيستىكى قىسمەن رايونلارنى بوشلۇقتىن تەكشۈردى.

7. ئافرىقا ئىتتىپاقى دېڭىز بىخەتەرلىك ئالاھىدە يىغىنى «لومې نىزامنامىسى»نى ماقۇللىدى

ئافرىقا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى 15-ئۆكتەبىر توگو پايتەختى لومېدا ئاخىرلاشتى. يىغىندا «ئافرىقا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكى، قوغداش ۋە تەرەققىياتىغا ئالاقىدار نىزامنامىسى (يەنە «لومې قانۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)»نى تەستىقتىن ئۆتتى.

8. ئامېرىكا لوس ئانجىلىستا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 ئادەم قازا قىلدى، 12 ئادەم يارىلاندى

ئامېرىكا لوس ئانجىلىستا شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3 ئادەم قازا قىلدى، ئاز دېگەندە 12 ئادەم يارىدار بولدى، ئىككى يارىدارنىڭ ئەھۋالى «ئىنتايىن خەتەرلىك». نۆۋەتتە ساقچىلار بىر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى ھەمدە باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلىماقتا.

9. باغدادتا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار 32گە يەتتى

ئىراق ساقچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، پايتەخت باغدادتا 15-ئۆكتەبر چۈشتىن بۇرۇن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 32 ئادەم قازا قىلغان، 60 ئادەم يارىدار بولغان.

10.تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن دەرەخ» خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم بايرىمى فرانكىفورتتا باشلاندى

تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن دەرەخ» خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم بايرىمى 15-ئۆكتەبر كەچ گېرمانىيە فرانكىفورتتا باشلاندى، ھەرقايسى ساھەدىكى 100 نەچچە ئادەم ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە نەق مەيداندا جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىن كەلگەن كۆرگەزمە ھۆججەتلىك فىلىملىرىنى كۆردى.


تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش