تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر ئۇنۋېرسال كۇلۇب كۆڭۈلدىكى سۆز فوربىس ئېلان قىلغان يىللىق مائاشى مىليوندىن ئاشىدىغان كەسىپلەر
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 958|ئىنكاس: 0

فوربىس ئېلان قىلغان يىللىق مائاشى مىليوندىن ئاشىدىغان كەسىپلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23
    ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئېلىمىزدىكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 7 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ تەس پەسىل» دەپ ئاتالغان. 2014-يىلىدىكى ساندىنمۇ 220 مىڭ ئادەم جىق ئىكەن. بۇنداق كەسكىن رىقابەت ئالدىدا، نۇرغۇن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئەلۋەتتە بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرمەي ئىلاجىمىز يوق. فوربىس يېقىندا كەلگۈسى بىر يىلدىكى «كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ۋە ئىش ھەققى مۆلچەرى مەلۇماتى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كەسىپلەر ئاساسەن دېگۈدەك كىشىلەر سەل قارىغان كەسىپلەر ئىكەن.
1. بېزەك بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش كەسپى بىلەن ماركېتىڭ كەسپى
20160217185655792.jpg

بېزەك بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش كەسپىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئانچە ئۇقمايدۇ. لېكىن ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ كەسىپ ئىنتايىن بازارلىق كەسىپ بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى %80 كە يېقىن داڭلىق ماركىلىق بېزەك بۇيۇملىرى جۇڭگو بازارلىرىغا كىرىپ بولدى. كەلگۈسى 7، 8 يىل مابەينىدە، دۆلەت ئىچىدىكى بېزەك بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش كەسپىدە تەخمىنەن 450 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىلىدىكەن. نۆۋەتتىكى بازاردىكى بېزەك بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش كەسپىدىكى ئىختىساسلىق خادىملار ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ تەيۋەن، شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 600 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋېتىپتۇ.
2. كۆرگەزمە باشقۇرۇش كەسپى

    ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش تەسىرى ئاستىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلار ئارىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن يېڭى ئىقتىسادى ۋەزىيەت-كۆرگەزمە ئىقتىسادى شەكىللىنىپ دۇنيادىكى نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ يېڭى ئىقتىسادى كوزىرىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە يىللىق كۆرگەزمە ئىقتىسادىدىن كىرگەن كىرىم 2 تىرىللىيون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
     ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى كۆرگەزمە سارىيى %48 ئاشقان بولۇپ، كۆرگەزمە كەسپى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر ئۈچۈن زور بىۋاسىتە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي شەھەرنىڭ تاشقى مەدەنىيەت، ئىقتىسادى ئالاقىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە بۇ كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ يىللىق ئىش ھەققى تەخمىنەن 700 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋېتىپتۇ.
3. ئىنچىكە ھېسابات ۋە ستاتىستىكا كەسپى

    ھازىرقى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت ساھەسى بارغانسېرى ستاتىستىكا مەلۇماتى ۋە ئانالىز نەتىجىسىنى ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك بولغان باشقۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. خەلقئارا سۇغۇرتا ماگناتلىرىنىڭ ئېلىمىز بازارلىرىغا كىرىشى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، ئىنچىكە ھېساباتچى بۇنىڭدىن كېيىن سۇغۇرتا ساھەسىدىكى ئەڭ بازارلىق ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ قالىدۇ. نۆۋەتتە شىمالىي ئامېرىكا رايونلىرىدا ئىنچىكە ھېساباتچىلارنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 100 مىڭ دوللاردىن بىر مىليون دوللارغىچە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئېلىمىزدە بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ يىللىق ئىش ھەققى ئادەتتە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولىدىكەن.
4. ئىنژېنېرلىق كەسپى

    ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ۋە ياللىغۇچى خوجايىنلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ يىللىق ئىش ھەققى دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالدىنقى بەش كەسىپ ئىچىدە تۆتى ئىنژېنېرلىق كەسپى تۈرىگە تەۋە بولۇپ، نېفىت ئىنژېنېرلىقى ۋە كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىقى كەسپىنىڭ يىللىق ئىش ھەققى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىنژېنېرلىق كەسىپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق ئىش ھەققى %5. 2 ئۆسۈپ 60465 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
5. بىئولوگىيە تېخنىكىسى كەسپى

  بىئولوگىيە تېخنىكىسى كەسپى ئاساسلىقى تەتقىقات تىپىدىكى ۋە قوللىنىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى بىئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى ھازىر ئىنتايىن كەمچىل. يېقىنقى 5-10 يىل مابەينىدە بۇ كەسىپكە بولغان ئېھتىياج داۋاملىق ئاشىدىكەن. فوربىس ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسەن ئېلىمىزدە بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ يىللىق ئىش ھەققى تەخمىنەن 700 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋېتىپتۇ.
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش