تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر خەۋەرلەر سەھنىسى شىنجاڭ خەۋەرلىرى شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن ئايرىم - ئاي...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 595|ئىنكاس: 0

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن ئايرىم - ئاي...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23
F201703081047439126700884.jpg

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا لى شى، چېن چيۇفا، تاڭ فۇپىڭ، شۈ چياڭ، چېن شيۇيەن، ۋاڭ شياۋجيۇ، فېڭ يۈپىڭ قاتارلىق يەتتە ۋەكىل لياۋنىڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېزا ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە خاتىرىلىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئاخىرىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ لياۋنىڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات −− لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى. شۇڭا ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى تۇتۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، لياۋنىڭنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، بەلنى چىڭ باغلاپ، لياۋنىڭنىڭ سانائىتىنى گۈللەندۈرۈپ، لياۋنىڭنىڭ سانائىتىدە يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. مەيلى ئىقتىساد قاچانغىچە تەرەققىي قىلسۇن، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. لياۋنىڭدىكى كونا سانائەت بازىسى ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن بولۇپ، يېڭى نۆۋەتلىك گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتتىمۇ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىشى كېرەك. شۇڭا كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، سىجىل رىقابەت كۈچى ۋە تىرەكلىك كۈچىگە ئىگە سانائەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى كەسىپلەر ۋە ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت كەسپى ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئۇچۇرلىشىش بىلەن سانائەتلىشىش چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ھەربىي ۋە خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىدىغان قۇرۇلمىلىق يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  دۆلەت كارخانىلىرىنى لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلامچىسى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كارخانا پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئېقىپ كېتىش ھەم زور خەتەرلىك ۋەقەلەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كادىرلار ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر رايوندا سىياسەت راۋان، ئەل ئىناق، تىنچ - تەرتىپلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بولۇشى كېرەك. سىياسىي ئېكولوگىيە بۇلغانسا، ھوقۇق تەمەسىدە يۈرۈش، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش، گۇرۇھ بولۇۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىش، شايكا توپلاش، گۇرۇھۋازلىق قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر پەيدا بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق ئاساسىنى چىرىتىدۇ. شۇڭا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا خاھىشلارنى چوڭقۇر تۈزەپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ھەقىقىي سادىق، دۇرۇس ئىش قىلىدىغان پاك كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سىياسىي مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، سىياسىي قارىشى، قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى، ئاممىۋى قارىشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەلرايىنى كۆزىتىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا تىرىشىپ جاۋاب قايتۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋۇ يىڭجيې، شياڭباپىڭسو، لوساڭ جياڭسۇن قاتارلىق ۋەكىللەر شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىزاڭ ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىزاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويدى. شۇڭا بۇ يىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىزاڭ خىزمىتىنى داۋاملىق بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئامما بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مائارىپ، داۋالاش، پار بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قاتتىق قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، ساياھەتچىلىك، پاكىز ئېنېرگىيە، مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت قاتناش، ئېلېكتىر تورى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاپ ۋە سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان كۆپەيتكۈچلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. «قان يەتكۈزۈش» بىلەن «قان ئىشلەش»نى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ چېگرا رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يۈ جېڭشېڭ چېن يۈۋېن، چېن جۈن، جياڭ ئېرشيۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەيۋەن خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئۆتكەن بەش يىلدىكى تەيۋەن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ يېڭى ۋەزىيەتتە تەيۋەن خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلمىي قىبلىنەماسى بولۇپ، ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز ھەم ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ يىل ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىن ھەم مۇرەككەپ. شۇڭا بىز «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈپ فاڭجېنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور سەمىمىيەت ھەم ئەڭ زور تىرىشچانلىق ئارقىلىق تىنچ بىرلىككە كېلىدىغان كەلگۈسى يارىتىشىمىز كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92 - يىل ئورتاق قارىشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى چەكلەپ، تەيۋەندىكى ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بارلىق پارتىيە - گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتلار بىلەن كەڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ھەم تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغداش كېرەك. «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى خەلقنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوقۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ما شىڭرۇي، جۇڭ نەنشەن، شى رۇنشيا قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ليۇ يۈنشەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يېڭى سەھىپە ئېچىشنىڭ ئاچقۇچى −− ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ئاڭلىق ساقلاپ، مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كۈچەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەپ، يۇقىرىدىكىلەر ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەيدىغان خىزمەت ئاساسىي رىتىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يېتىلدۈرۈپ، تەمىنلەش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىغا ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، ئۆزى بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاممىنى تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلىشى كېرەك.

  ۋاڭ چىشەن خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. دۇ جياخاۋ، شۈ داجې، لۇڭ فېيفېڭ قاتارلىقلار بەس - بەستە پىكىر بايان قىلدى. ۋاڭ چىشەن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئەلرايىنىڭ مايىللىقىدىن ئىبارەت. خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئالقىش ساداسى خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى بېسىشنىڭ ئاچقۇچى − پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، بۇنىڭدا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ھەممىدىن مۇھىم. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ۋە ئومۇملۇق جەھەتتە يادروغا ھەقىقىي توغرىلىنىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئاممىنىڭ يېنىدا يۈز بېرىۋاتقان چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە چىرىتىدۇ. شۇڭا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاممىنىڭ يېنىدا يۈز بېرىۋاتقان ناتوغرا خاھىشلارنى قەتئىي جازالاپ، خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئامما بىلەن ئالاقە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە تايىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  خۇ چۇنخۇا قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش