تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر خەۋەرلەر سەھنىسى شىنجاڭ خەۋەرلىرى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پىلان دوكلاتى ۋە خام...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 367|ئىنكاس: 0

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پىلان دوكلاتى ۋە خام...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى

ئەركىن ئىمىرباقى، نەيىم ياسىن، نۇر بەكرى، ئەسقەت كەرىمباي تەكشۈرۈشكە قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2016 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭپىڭ، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ۋەكىل نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› نىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە كونكرېتلاشتۇرۇلغان ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ‹‹ئۈچ دوكلات›› نىڭ نىشانى بىردەك ھەم تومۇرداش بوپتۇ. پىلان دوكلاتىدىن قارىغاندا، 2016 – يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد بىلەن جەمئىيىتى سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپتۇ؛ بۇ يىلقى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم بولۇش، كەسىپ سىياسىتى دەل جايىدا بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي بولۇش، ئىجتىمائىي سىياسەت كاپالەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت سىياسەت تەپەككۇرى يولىدا چىڭ تۇرۇلغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بوپتۇ. خامچوت دوكلاتىنى ئېلىپ ئېيتساق، مالىيە تارماقلىرى يىللىق خامچوتنى تاماملاپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىسلاھ قىلىش روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ يىلقى خامچوتنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ چىقىپ، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ پۇختا تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچىنى خەلققە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشكە سەرپ قىپتۇ، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى نامايان قىلىدۇ. مەن بۇ ئىككى دوكلاتقا تامامەن قوشۇلىمەن.

ۋەكىل خۇاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي رىتىمى گەۋدىلىك نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى، ھەر خىل كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، رايون ئارا ماس تەرەققىيات قاتارلىق خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى ساھەلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، مەن بۇ ئىككى دوكلاتقا تامامەن قوشۇلىمەن. ئەلئارا سېلىنما يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي كاپىتالدىن ياخشى ۋە جانلىق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنى؛ غەربىي رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قوللاش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ۋە ھەر خىل پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ غەربىي رايونغا كېلىپ خىزمەت قىلىشى، شۇنداقلا تۈرلەرنى غەربىي رايونغا ماكانلاشتۇرۇشقا جەلپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋەكىل مەمتىمىن ياسىن مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلتۇرقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەلئارا كاپىتالنىڭ PPP تۈرىگە قاتنىشىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋەكىل مۇتەللىپ ئوبۇل مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي رىتىمى بويىچە پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، يېتەكچىلىكى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بوپتۇ. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋەكىل گو ليەنشەن مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بولغان تونۇشنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە چىڭ تەلەپلەر بويىچە مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ۋە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، بۇ يىلقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تاماملاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ۋەكىل ھوشۇر ئىسلام مۇنداق دېدى: نەتىجىلەرنى يەكۈنلەش پۇرسەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەشكە ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق. ھازىرقى ‹‹بەشنى راۋانلاشتۇرۇش››نى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى يىغىنچاقلىساق، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ قوللاپ، پەن تەتقىقات يۈرتى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتلار تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە پەن – تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىپ، ھەر خىل تىللاردىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش، تارقىتىش، شۇنداقلا لىنىيە بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋەكىل شى ۋېنخەي دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال كۆزدە تۇتۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ئەمەلىي تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتەك ‹‹ئۈچ چوڭ ھەرىكەت پىلانى››نى يولغا قويۇش جەھەتتە شىنجاڭنى تۈر، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىن يەنىمۇ قوللىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ۋەكىل مۇختەبەر سادىق ئۇزاقتىن بۇيان پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ كۆزنەك ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. ئۇ بارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل تاراتقۇلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، پۇل مۇئامىلە ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ماھىر بولۇشقا يېتەكلەش؛ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مائارىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياردەم پۇلى سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، چېگراغا جايلاشقان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بولۇش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ۋەكىل سۇلتان جايناق مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شەرقىي ۋە غەربىي رايونلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسى پەرقىنى تېزدىن ئازايتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋەكىل خالىدە ئابدۇقادىر قارامايدىن كەلگەن. ئۇ تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايلىقنى ئېچىشتا شۇ جايدىكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراماينىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللىشىنى؛ شىنجاڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شۇ جايدا قانۇنىي ئىگىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش يېتەكچى پىكرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

فۇ پۇيەن، باغدانگۈل زات، نابلاشاھ خۇجاخۇن، فۇ چۈنلى، لى نا، سېرجان توختىمۇرات، ياڭ چىن، رىزۋانگۈل قۇناخۇن، رىزۋانگۈل جامال، ليۇ شىنشېڭ قاتارلىق ۋەكىللەر چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ‹‹ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ›› قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش، يېزىلارنىڭ بالىلار مائارىپى، جاپالىق رايونلار ياردەم پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئايرىم – ئايرىم پىكىر بايان قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شاۋكەت ئىمىن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، خۇاڭ رۇڭ، جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. 


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش