تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر خەۋەرلەر سەھنىسى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى بىر مەزگىللىك ‹‹ئەلرايىنى بىل...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 382|ئىنكاس: 0

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى بىر مەزگىللىك ‹‹ئەلرايىنى بىل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

  دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ئېچىلدى، يىغىندا نۆۋەتتىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ھەر قايسى ئورۇنلاردىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا مۇھىم تۇتقىسى. خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلار بۇرچىنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، ‹‹بىر نىشان››نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپە››نى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹بەش ئەمەلىي ئىش››نى ياخشى بېجىرىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە قەلبلەرنى مايىل قىلىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە پۇختا ئىشلەش ئىستىلى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلار ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ‹‹ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى خىزمەت مېخانىزمىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەلرايىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ھەقىقىي قۇلاق سېلىپ، نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ئەھۋال سوراپ، ‹‹سەككىز بىر››، ‹‹سەككىزنى چوقۇم سوراش››، ‹‹سەككىزگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش›› تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە، كۈچلەرنى تولۇقلاشقا، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. خىزمەتتە ئىزچىللىقنى ساقلاپ، تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، باسقۇچلۇق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئەترەت ئەزالىرى ۋەكىل بولۇش، ئورۇنلار ئارقا تىرەك بولۇش، 1 – قول رەھبەر ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇش›› توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەپلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ 1 – قول رەھبىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆز ئورنىنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇشى كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەش، قىيىن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈش، مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلاندۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلار كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئۆز ئورنىنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىنى بىللە ئورۇنلاشتۇرۇشى، بىللە تەكشۈرۈشى، بىللە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلار ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كەنتتە تۇرۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىلقى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش