تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر خەۋەرلەر سەھنىسى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپىگە 72 مىل...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 413|ئىنكاس: 0

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپىگە 72 مىل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

  مېھرىگۈل ناسىر، ۋاڭ يۇڭفېينىڭ 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى بويىچە 2017 – يىللىق ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل كەسىپلەرگە ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىگە 72 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىدىن 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پاختا يىپ ئېگىرىدىغان ئۇرچۇق 7 مىليوندىن 13 مىليون 600 مىڭ (ھاۋا ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ يىپ ئېگىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا، رەخت توقۇش ماشىنىسى 10 مىڭ 290 دىن 17 مىڭغا، تىككەن كىيىم – كېچەك 40 مىليون قۇردىن 150 مىليون قۇرغا يەتكۈزۈلۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ 2017 – يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى››دە بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇچقۇن قۇرۇلۇشى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش، بازارنى كېڭەيتىش، كەسىپكە تۈرتكە بولۇش، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق توققۇز چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، 45 تۈرلۈك تەدبىر، ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش