تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر خەۋەرلەر سەھنىسى شىنجاڭ خەۋەرلىرى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىلىرىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقن...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 365|ئىنكاس: 0

زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىلىرىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقن...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئاپتونوم رايون ‹‹8–مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 107 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاينۇر ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 107 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ‹‹پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش›› باش تېما قىلىنغان بۇ يىغىندا نەق مەيدان سۆھبىتى ۋە سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغانلىقى ۋە پارتىيەگە ئەگىشىش قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخانغا يازغان خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

لى پېڭشىن يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ‹‹8 – مارت›› قىزىل بايراقدارى ۋە ‹‹8 – مارت›› قىزىل بايراقدار كوللېكتىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى.

لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدا يېرىم دۇنيالىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش›› ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ‹‹13 – بەش يىل››نى ياخشى باشلىۋالدى. بۇ نەتىجىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېقىندىن غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاياللارنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، جان تىكىپ ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ قان – تەرىنىڭ مەھسۇلى.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاياللارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ شەرىپى، پەخرى ھەم ئۆگىنىش ئۈلگىسى. بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يىل. بىز شىنجاڭدىكى ئاياللارنىڭ ئىلمىي، ساغلام، مەدەنىي ياشاش ئۇسۇلىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇشىنى؛ ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش›› پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشىنى؛ باراۋەر، ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› ۋە گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇشىنى؛ تارىخ يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەت ئورۇنلىرىدا داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىغىندا ليۇ يەن قاتارلىق ئون ‹‹8 – مارت›› قىزىل بايراقدارلار ئۈلگىسى، نۇرگۈل كېرىم قاتارلىق 100 ‹‹8 – مارت›› قىزىل بايراقدارى، توققۇزتارا ناھىيەسى 3 – يېزىسىنىڭ كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق 30 ئورۇن ‹‹8 – مارت›› قىزىل بايراقدار كوللېكتىپ، بولۇپ تەقدىرلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىتىنىڭ ئەزاسى سارقىت ئاقان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرىگۈل جاپپار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى شياڭلىن يىغىنغا قاتناشتى ۋە ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرگە مۇكاپات تارقاتتى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش