تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر خەۋەرلەر سەھنىسى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاكتىپ رولىنى جارى ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 414|ئىنكاس: 0

ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاكتىپ رولىنى جارى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

جۇ خەيلۇن قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇقىملىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مەسچىت، دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مەركىزى، يېزا – كەنتلەرگە بېرىپ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، دىنىي زاتلارنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئەھۋالى ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

جۇ خەيلۇن مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشقىلار ئورنىنى ئالالمايدىغان رولغا ئىگە. ھازىر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيدىغان، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ياكى مەجبۇرلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان، قوللايدىغان، ئىشىنىدىغان، نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ يېتىشتۈرگەن قانۇنلۇق دىنىي خادىملار بولۇپ، ئۇلار‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرەشتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا ئۇلار ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەپسىر قىلىش، ۋەز ئېيتىش ئارقىلىق دىنىي ئەقىدىلەردىكى تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىشتىن ئىبارەت توغرا ئىدىيەلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ھەم ئۇلارنى يېتەكلىشى كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى، ھەقىقىي توغرا دىنىي ئەقىدىلەرنى تارقاتقۇچى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان نەمۇنىچى بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، دىنلار ئىناقلىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداشقا يېتەكلىشى كېرەك.

جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تۇغقىنى ۋە دوستىدەك كۆرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، قوغداش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىش، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان تەربىيە ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، چوڭقۇر دىنىي بىلىمگە ئىگە، ئەخلاق – پەزىلىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇش، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.


ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. جۇ خەيلۇن قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇقىملىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مەسچىت، دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مەركىزى، يېزا – كەنتلەرگە بېرىپ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، دىنىي زاتلارنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئەھۋالى ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

جۇ خەيلۇن مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشقىلار ئورنىنى ئالالمايدىغان رولغا ئىگە. ھازىر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيدىغان، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ياكى مەجبۇرلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان، قوللايدىغان، ئىشىنىدىغان، نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ يېتىشتۈرگەن قانۇنلۇق دىنىي خادىملار بولۇپ، ئۇلار‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرەشتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا ئۇلار ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەپسىر قىلىش، ۋەز ئېيتىش ئارقىلىق دىنىي ئەقىدىلەردىكى تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىشتىن ئىبارەت توغرا ئىدىيەلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ھەم ئۇلارنى يېتەكلىشى كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى، ھەقىقىي توغرا دىنىي ئەقىدىلەرنى تارقاتقۇچى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان نەمۇنىچى بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، دىنلار ئىناقلىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداشقا يېتەكلىشى كېرەك.

جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تۇغقىنى ۋە دوستىدەك كۆرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، قوغداش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىش، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان تەربىيە ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، چوڭقۇر دىنىي بىلىمگە ئىگە، ئەخلاق – پەزىلىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇش، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش