تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر خەۋەرلەر سەھنىسى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قە...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 647|ئىنكاس: 0

ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قە...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23
8c89a58fc8a91a127cdb01.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
  2-ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەر قۇياش كۆتۈرۈلگەن چاغ. ئېگىزدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىكەنكۆل مەيدانى كەڭ ۋە ئازادە كۆرۈنەتتى، مەيداننىڭ ئەتراپىدىكى قاتار كەتكەن سانجاق - سانجاق رەتلىك ئېگىز بىنالار كۆزگە تاشلىنىپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاۋات ۋە زامانىۋىيلىقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
قىش كۈنلىرى سەھەردە، مەيداندا ئادەم ئاز، جىمجىت بولاتتى، ھالبۇكى ئونمىڭلىغان قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكىرى، ج خ كادىر -ساقچىسى ھەمدە نەچچە يۈزلىگەن ھەر خىل ساقچى ئاپتوموبىلى، جەڭ ئاپتوموبىلى سەھەردىلا بۇ يەرگە يىغىلغان ئىدى.  چىپار، كۈلرەڭ، قارا رەڭلىك فورما كىيگەن چاسا ئەترەتلەر ئارىلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا ئاق، يېشىل، قارا رەڭلىك جەڭ ئاپتوموبىللىرى، ساقچى ئاپتوموبىللىرى قاتار قىلىپ توختىتىپ قويۇلغانىدى. يىراقتىن نەزەر سالغاندا، پۈتۈن قوشۇن خۇددى قاناتلىرىنى كېرىپ تۇرغان بۈركۈتكە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، تولىمۇ ھەيۋەت كۆرۈنەتتى. بۇ، كۆپ تەرەپلىك كۈچلەردىن تەشكىل تاپقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قوشۇنى زەبەردەس ھالەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قەسەمياد يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۆتۈۋاتاتتى.
  بېيجىڭ ۋاقتى سائەت دەل 11دا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى رەسمىي باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي -قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىندا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالى، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، «ئاسىيا مەركىزى شەھىرى» دېگەن نامى بار. بۇ يەر قەدىمدىن تارتىپلا شەرق بىلەن غەربنىڭ سود ئالاقىسىدىكى مۇھىم تۈگۈن، ھەر قايسى مىللەتلەر ئىناق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ،  كۆپ مەنبەلىك ۋە پارلاق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە. بىراق جۇغراپىيەلىك ئامىللار سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىكى مۇھىم نىشانى بولۇپ قالغان ئىدى.
جۇ خەيلۈن سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خوتەن، قەشقەردىن كېيىن، يەنە ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق قەسەمياد يىغىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەتلەر، ھەر مىللەت خەلقىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا تىكىپ، باش نىشاننى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، قاتتىق زەربەر بېرىش كۈرىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل خەلق تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك داغدۇغا پەيدا قىلىپ، مۇستەھكەم سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا پېتىنغان «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئەجەللىك، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خاتىرجەم، ئىتتىپاق، ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداشتۇر.
جۇ خەيلۈن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، مۇقىملىقى ئومۇمىيلىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ،  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئۈرۈمچى چوقۇم نەمۇنە ۋە ئۈلگە بولۇشى زۆرۈر! پارتىيە ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ شەمشىرى، قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن – مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇشكۈل، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك! يولداشلار ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، كۆتۈرەڭگۈ ئىنقىلابىي ئىرادە ۋە كۈرەش قىلىش روھى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باشلامچى، زەربىدار بولۇپ، سەرخىل قوشۇن يېتىشتۈرۈپ، ئىسسىق قېنى ۋە ساداقىتى بىلەن خەلقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك!
قەسەمياد يىغىنىدا، لى شۆجۈن كەڭ ج خ كادىر –ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە ۋاكالىتەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چوقۇم مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتكى يىمىرىلمەس مۇداپىئە سېپى ۋە پولات ئىستېھكامىنى مۇستەھكەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى دائىملىقلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىمىز! ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى خاتىرجەم قىلىمىز! پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنى خاتىرجەم قىلىمىز!
«پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز! جەڭدە غەلبە قىلىمىز! ياخشى ئىستىلنى جارى قىلدۇرىمىز!» قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ج خ كادىر-ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر –ئەسكەرلىرىنىڭ جاراڭلىق قەسەملىرى پەلەككە يەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ھەمىشە تەييار تۇرۇپ، شايكىلارغا زەربە بېرىپ، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇپ، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى تارتىپ چىقىرىپ، مەنبەنى تېپىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، دۈشمەنلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۈزۈل-كېسىل زەربە بېرىپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.
بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەنلا، جەڭچىلەر قورال، قالقاننى ئېلىپ ئاپتوموبىلغا چىقىپ، خىزمەت ئورنىغا ئاتلاندى. شۇئان ساقچى چىراغلىرى چاقناپ ساقچى گۈدۈكلىرى ياڭرىدى. يېكەنكۆل مەيدانى، قىزىلتاغ ئايلانمىسى، جەنۇبىي ۋوگزال، ئىتتىپاق يولى، غالىبىيەت يولى، تىنچلىق يولى...ھەيۋەتلىك قوشۇن ئۆتكەنلىكى جايلاردا كىشلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشى ئەۋجىگە چىقىپ، قەسەمياد يىغىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.
سەمىمىي - ساداقەت، تارىخ ئەينەك. بۇ قېتىمقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قەسەمياد يىغىنى ناھايىتى داغدۇغىلىق بولۇپ، دۈشمەنلەرنى ۋەھىمە باستى، ئەل كۆڭلى ئەمىن تاپتى.
8c89a58fc8a91a127d8704.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
8c89a58fc8a91a127d8705.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
8c89a58fc8a91a127d8706.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
8c89a58fc8a91a127d8707.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
8c89a58fc8a91a127d8708.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
8c89a58fc8a91a127d8709.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
8c89a58fc8a91a127d8702.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
8c89a58fc8a91a127d8703.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
8c89a58fc8a91a127d870a.jpg

«ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش