تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
نامسىز

ئىزچىلا ئۇنۋىرسال تورى»مۇنبەر كۈڭۈل ئېچىش سەھنىسى ئېتوت كۈلدۈرگىلەر يېڭى «007» باش ناخشىسىنى ئورۇنلىغۇچى ئاشكارلاندى، سام سىمىس تاللاندى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 939|ئىنكاس: 0

يېڭى «007» باش ناخشىسىنى ئورۇنلىغۇچى ئاشكارلاندى، سام سىمىس تاللاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

137

يازما

497

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104
يازما سانى:
137
تىللا:
360
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23
201509111033344624.jpg

گەرچە « 007: Spectre » نىڭ قويۇلىشىغا يەنە بىرئاز ۋاقىت بولسىمۇ، ئەمما 007 مەستانىلىرىنىڭ باش ناخشا ۋە ناخشا ئېيىتقۇچىغا قارىتا پەرەز قىلىشى توختاپ قالمىدى. بۈگۈن سام مىندېس رېژىسسورلۇق قىلغان، دەنىل كرەيىگ قاتارلىقلار باش رول ئالغان فىلىم « 007: Spectre » كىنو باش ناخشىسى «Writing’s On The Wall» نى ئەنگىلىيەلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى ئەۋلاد ناخشىچى سام سىمىس ئورۇنلايدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. سام سىمىس جەيمىس بونىد بىلەن بىرگە بولۇپ 007 نىڭ 24 قېتىملىق مۇساپىسىنى رەسمىي قوزغىتىدۇ.
ئالدىنقى قىسىم «007: پەلەك گۇمران» دا، ئادەل ئېيىتقان ناخشا «Skyfall» «پەلەك گۇمران» توم ئاۋازى ۋە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرىتىدىغان رىتىمى بىلەن نام چىقىرىپ يەرشارىغا تارقالدى، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ قايتا 007 كىنوسىنىڭ مۇزىكا يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى. ناخشىچى ئادەلمۇ ئالتۇن گلۇبۇس مۇكاپاتى، ئوسكار ئەڭ نادىر ناخشا مۇكاپاتى قاتارلىق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 007 قايتا جاھان ئەھلىگە 00 قاتارىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە يېڭىلىنىش روھىنى كۆرسىتىپ بەردى.
007 پۈتۈن دۇنياغا تارالغان يۈرۈشلۈك كىنو بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىنونىڭ باش ناخشىسى 007 فىلىمىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندى، كلاسسىك ئەسەر ئاز ئەمەس، مەسلەن «Goldfinger»، «Another Way To Die» قاتارلىقلار، ئىلگىرى پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتىنىڭ ئەزاسى پائۇل ماككارتنېي ئۆزى يازغان ۋە ئورۇنلىغان « Live  and Let Die» بولسا 007 فىلىمى باش ناخشىسىنىڭ يۇقىرى پەللە دەۋرىنى ياراتقان.
كېيىن ھەرقايسى دەۋرنىڭ ۋەكىللىك پوپ ناخشىچىلىرى مادوننا، ئەيلىسىيا كېيىس قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 007 فىلىمىنىڭ باش ناخشىسى ئۈچۈن ناخشا ئايىتقان، بۇ قېتىم « 007: Spectre » نۆۋەتتە نام چىقارغان يېڭى ئەۋلاد ناخشىچى سام سىمىسنى كىنونىڭ باش ناخشىچىسى ئورۇنلاشقا تاللىدى، ھەم 1965-يىلىدىن بۇيان، 007 يۈرۈشلۈك فىلىمىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەنگىلىيەلىك ئەر ناخشىچىنى كىنونىڭ باش ناخشىسىنى ئېيتىشقا تاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن ئۇ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئىقتىدارى ۋە تالانىتىغا تايىنىپ 2014-يىللىق ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ «يىللىق ئاۋاز» ۋە ئەنگىلىيە مۇزىكا مۇكاپاتى باھالىغان تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كېيىن خۇسۇسىي تۇنجى پلاستىنكىسى «In The Lonely Hour» غا تايىنىپ گرەممىي يىللىق يېڭى ئادەم، يىللىق ناخشا، يىللىق ئىشلەش، مودا پلاستىنكا تۆت تۈرلۈك مۇھىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇمۇ گرەممىنىڭ 34 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئوخشاش ۋاقىتتا تۆت تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەر ناخشىچى ھېسابلىنىدۇ.
فىلىم 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى شىمالى ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىمۇ ماس قەدەم قويۇلىشىدىن ئۈمىد بار.
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Copyright©2013-2016 Izchila Network All Rights Reserved تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئىزچىلا تور تېخنىكا ئېلان مۇلازىمەت لايىھە ئىشخانىسىغا مەنسۈپ.كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! تور بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تورمۇھىتى يارىتايلى! تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى经营许可证 新ICP备15000578号 پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆 ئېلان ئالاقە ھەمكارلىق Email:1554277737@qq.com QQ:1554277737 Tel:4000 400 303
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش