تىنىچ ئوكيان تور بېكىتى كورىيە سودا شەھەرچىسىدىن كىيىنكى يەنە بىر يېڭى مەھسۇلاتى diy سودا شەھەرچىسىنى تورغا چىقاردى.
![]() ھازىرقى كۆرۈنمە يۈزىدىكى بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى ۋە بەزى چۈشەندۈرۈشلەردىن قارىغاندا شىركەتنىڭ مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلارغا قارىتا توردا تۇرۇپلا تىنىچ ئوكيان تور بېكىتىنىڭ مال تەمىنلىگۈچىسى بولۇشىغا ئېچىپ بەرگەن ئىشىگى بولىشى مومكىن (ئىلگىرى مال تەمىنلىگۈچىلەر مەھسۇلاتنى ۋە مەھسۇلاتىنىڭ مۇناسۋاتلىك قانۇنلۇق كېنىشكىلىرىنى شىركەتكە بىۋاستە يوللاپ بېرەتتى).
ھازىر ئەمدى سىز پەقەت قانۇنلۇق تىجارەت ئىگىسى بولسىڭىز ھەمدە مەھسۇلاتىڭىز بولسا ۋە مەھسۇلاتىڭزىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇلغان ماركىسى (商标注册) بولسا تىنىچ ئوكيان سودا تورىنىڭ diy تور دۇكىنىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
diy تور دۇكىنىنى ئىلتىماس قىلىشتا سىز تۆۋەندىكى ماتىرىياللارنى تەييارلىشىڭىز كېرەك: (1) تىجارەت كېنىشكىسى (2) باج تىزىملاش كېنىشكىسى (3) ماركا تىزىملىتىش كېنىشكىسى (4)كىملىكنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسى (5) مەھسۇلاتقا مۇناسۋەتلىك باشقا قانۇنلۇق كېنىشكىلەر. تىنىچ ئوكيان سودا تورى diy تور دۇكىنىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تىنىچ ئوكيان سودا تورىنىڭ تېخىمۇ كۆپ B (مال تەمىنلىگۈچى) لارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ مال مەنبەسىنىڭ تېزسۈئەتتە كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېنىڭ نۆۋەتتىكى تۇنجى تەسىرەتىم ۋە چۈشەنچەم مۇشۇنچىلىك، قالغىنىنى تورداشلار ئۆز تەسىرتىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. diy تور دۇكىنىغا ئائىت مەزمۇنلار ئەتىدىن باشلاپ يەنە داۋاملىق ھوزۇىڭلارغا سۇنىلىدۇ. (تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |


