ئامېرىكا پايچېكى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئازابلىق بىر كۈننى باشتىن كەچۈردى
ۋاقتى:2011-11-05 20:58مەنبەسى:ئىنتېرنېت ئاپتۇرى:پۇلدار كۆرۈلۈشى:قېتىم
بۇ يىل ئامېرىكا پايچېكىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ناھايىتى ئاز بولدى. نيۇيوركتىكى نۇرغۇن پايچېك سودىسى قىلغۇچىلار قوللىرىدىكى پايچېكلارنىڭ كۈنسې
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پاي بازىرى 4-ئاۋغۇست 2008-يىلى مالىيە كرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئازابلىق بىر كۈنگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۈچ چوڭ پايچەك كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى %4 تىن ئېشىپ كەتكەن. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مالىيە كرىزىسى يېتىپ كەلدىمۇ قانداق؟ مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك چېكىنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇشىدىن ئەنسىرىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ياۋروپا قەرز كرىزىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۈمىدلىنەرلىك ئەمەسلىكىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەنسىرەتمەكتە ئىدى. بەزى خەۋەرلەردە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەگە ياردەم بېرىدۇ، دېيىلدى.
نيۇيورك پاي بازىرى ئاخىرقى سودىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، 30 خىل داۋ جېئانىس سانائەت پايچېكىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 512.76 پوئىنت تۆۋەنلىدى. تۆۋەنلەش نىسبىتى %4.1 كە يېتىپ، 2008-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى يەككە كۈندە تۆۋەنلەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولدى. سىتاندارت.پۇر شىركىتىنىڭ 500 نەچچە خىل پايچېك كۆرسەتكۈچى 60.27 پوئىنت تۆۋەنلىدى. تۆۋەنلەش نىسبىتى %4.78 كە يەتتى؛ ناسىداك شىركىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال پايچېك كۆرسەتكۈچى 136.68 پوئىنت تۆۋەنلىدى. تۆۋەنلەش نىسبىتى %5.08 كە يەتتى.
يۇقىرىدىكى ئىككى پايچېك كۆرسەتكۈچى 2009-يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن بۇيان يەككە كۈندە تۆۋەنلەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولدى. بۇ يىل ئامېرىكا پايچېكىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ناھايىتى ئاز بولدى. نيۇيوركتىكى نۇرغۇن پايچېك سودىسى قىلغۇچىلار قوللىرىدىكى پايچېكلارنىڭ كۈنسېرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتى. بازار ئانالىزچىلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئامېرىكا پايچېكى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدە داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۇمكىن، دېدى. يەنە بەزىلەر: پايچېكنىڭ بۇنداق دەھشەتلىك تۆۋەنلىشى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە قايتىشىدا ھېچقانداق بىر مۇقىملىقنى كۆرمىگەنلىكىدىن بولۇۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
(تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |
------分隔线----------------------------