شىنخۇا تورى : ئامېرىكىنىڭ پۇل تارقىتىشنىڭ ‹‹ كونتروللۇقىنى يوقىتىشى ›› پۈتۈن يەر شارى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى . ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى 11–ئاينىڭ 2–كۈنى ئىككى كۈنلۈك ئۇچۇر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدۇ ، سىرتتىكىلەرنىڭ پەرىزىچە ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىش تەدبىرى كېيىنكى ھەپتىدە يولغا قويۇلىدىكەن . گاۋ شېڭنىڭ قارىشىچە ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىش تەدبىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۆلىمى 1–قېتىمقىدىن يۇقىرى بولىدىكەن ، ئەڭ يامان ئەھۋالدا ، مۈلۈك سېتىۋېلىش كۆلىمى 4000 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ كۈندىلىك پۇل–مۇئامىلە گېزىتى›› ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئامېرىكىنى ‹‹ تامچە ئىقتىسادشۇناسلىق›› تەسىرىگە كىرگۈزۈپ قويغان باش جىنايەتچى ، دېدى. سەدىقە بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى
نۆل ئۆسۈم نىسبىتى : مۇددىئا ساپ ئەمەس نيۇيوركتىكى ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بازار باشقۇرغۇچىسى بروئىن ساك مۇنداق دېدى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ نۆل ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىش سىياسىتى ئۆي سېتىۋالغۇچىنى تېخىمۇ باي قىلىپ ، شۇ ئارقىلىق مۈلۈك باھاسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان ، مۇددىئا مۇشۇنداق ئاددىيمىدۇ؟ داللاستىكى ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى يېقىندا مۇنداق دېدى : ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەركىزىي بانكىنىڭ بايلىق يارىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، كىرىزىس مەزگىلىدە ئۆي باھاسىدا ، يېرىمىدىن ئارتۇق پايدا قىسقارتىلغاچقا ، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى14 مىڭ مىليارد دوللار ساپ مەبلەغ بىۋاستە زىيان تارتتى . ئۇنىڭدىن باشقا ، نۆل ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتى ئارقىسىدا ، پۇقرالارنىڭ پۇل ئامانەت قويۇشىنىڭ مۇتلەق زۆرۈرىيىتى يوق ، يېشى چوڭ قېرىلار بۇ سىياسەتتىن بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئامېرىكا باش بانكىسىنىڭ سىياسىتى نامراتلارنى قۇتۇلدۇرمىدى ، بەلكى، نۇرغۇنلىغان ، مەبلەغ كۆپۈكلىرىنى پەيدا قىلدى ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا نازارەت قىلىش ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز، دەپ جار سېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر باھانە. بوشىتىش: نامراتلارنىڭ قاتىلى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، ئوباما 30 مىليارد دوللار تارقىتىپ، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەرمەكچى بولدى ، گەرچە ھەممەيلەن بۇ مەبلەغنى ‹‹تۆگىنى چۆچەكتە سۇغۇرغانلىق ››، دەپ باھا بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن، بۇ تېخى ھېكايىنىڭ ھەممىسى ئەمەس . بانكا دوكلاتىدا بىمالال مۇنداق دەپ يازدى: ‹‹ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ ، كىچىك كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئېلىشى ھاجەتسىز ، چۈنكى نۆۋەتتىكى ئىقتىساد مۇقىم بولمايۋاتقان چاغدا، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشنىڭ خەتىرى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ››. ئامېرىكا باش بانكىسىنىڭ باسقان پۇلىنىڭ نەگە كەتكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئېنىق بولمىدى ، دۆلەتنىڭ قەرزى توختىماي ئۆرلەۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالغا يەتكەندە ، ئامېرىكا باش بانكىسى بۇرۇنقىدەكلا پەرۋا قىلماسلىق يولىنى تۇتتى . پۇل بېسىش ماشىنىسى يەنە ئىشقا چۈشسە ، دوللارنىڭ كۇرسى يەنە چۈشىدۇ ، پۇقرالارنىڭ يېمەك–ئىچمىكىگە كېرەكلىك مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ . ئىقتىساد تولغانماقتا ، ئەمما ، ئامېرىكا باش بانكىسى داۋاملىق تۈردە مەغلۇپ بولغانلىقى ئىسپاتلانغان سىياسەتنى يولغا قويماقتا ، بەلكىم ، مۇشۇنىڭ ئۆزى كىرىزىسنىڭ مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن. (تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |

