خەلقئارادا ئالتۇن باھاسىدا2011–يىلى ئۆزگىرىش بولامدۇ–يوق؟
ۋاقتى:2011-11-05 21:18مەنبەسى: ئىنتىرنېت ئاپتۇرى:پۇلدار كۆرۈلۈشى:قېتىم
2010-يىلى خەلقئارادا ئالتۇننىڭ باھاسى %29.7 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1400 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى ھەم يىل ئاخىرىدىكى

2010-يىلى خەلقئارادا ئالتۇننىڭ باھاسى %29.7 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1400 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى ھەم يىل ئاخىرىدىكى سودا كۈنىدىكى باھا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. ھالبۇكى، ئالتۇن باھاسى 2011-يىلىدىكى تۇنجى سودا كۈنىدە ئازراق ئۆرلىگەندىن كېيىن ئۇدا چۈشۈپ، تۆت كۈندە %3.8 چۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە نيۇ يورك تاۋار بېرژىسىدا 4-يانۋار ئالتۇننىڭ باھاسى 44.1 دوللار چۈشۈپ، يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئالتۇن باھاسى ئەڭ كۆپ چۈشكەن كۈن بولدى.
2011-يىلى باشلىنىشى بىلەن ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى، بۇنىڭدىن قارىغاندا يېڭى يىلدا ئالتۇن باھاسىدا ئۆزگىرىش بولامدۇ - يوق؟ «ئەنسىرەش ــ 2010-يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىنىڭ سەۋەبى»، دېدى چىكاگو ئولىمپاس زاكاز مال شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بازار تەھلىلچىسى چارلىز نىدوس.
ۋەھالەنكى، 2011-يىلى باشلىنىشى بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلانغانلىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار مەيدانغا كېلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپلا قالماي، يەنە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قىممەتنى ساقلاش قورالى بولغان ئالتۇننىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاجىزلاتتى.
بازاردىكى قىسمەن زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى يېڭى يىلدا يېڭى ھالەتنى نامايان قىلدى، ياۋروپا ئىقتىسادى نەچچە قېتىملىق قەرز تەھدىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەنە ئومۇمىي جەھەتتىن ئاشتى، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادىنىڭ 2011-يىلى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى. ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي چېكى بازىرى، ئۆي-مۈلۈك بازىرى قاتارلىق خەتىرى چوڭ، ئۈنۈمى ياخشى ئاساسىي گەۋدىلەرگە مەبلەغ سېلىشى ئەسلىگە كەلدى.
لېكىن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن ئالتۇن ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى زىددىيەتلىك بولمايدىكەن، سەۋەبى، 1999-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە دۇنيا ئىقتىسادى مۇقىم ئاشقان، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ 250 دوللاردىن 1000 دوللارغا ئۆرلىگەن.
نىدوس مۇنداق دېدى: 2011-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى تەدرىجىي ئېشىپ، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن بازار كەسپىدە پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، 2011-يىلى پۇل پاخاللىقى بېسىمى خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجىغا دۇچ كېلىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا يۇقىرى رېكورت يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدىكەن (تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |
------分隔线----------------------------