ئائىلە مالىيىسىنى باشقۇرۇشتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بىر قانچە نوقتا
ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئاياللار ئائىلە مالىيىسىنى باشقۇرىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئائىلە بايلىقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاياللار ئائىلە مالىيىسىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورۇنغا ئۆتمەكتە. بىراق، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئۇقۇمى يەنىلا ئادددىي ئۇسۇلدىكى ھېساباتنى خاتىرلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئۇلاردا زۆرۈر بولغان ئەقەللىي مالىيە باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش بىلىمى كەمچىل. گەرچە بىر كېچىدىلا مالىيە باشقۇرۇش ماھىرى، مەبلەغ سېلىش ماھىرى بولۇپ كەتمىسىڭىزمۇ، ئەقەللىي مالىيە باشقۇرۇش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش سىزنىڭ مالىيە باشقۇرۇشىڭىزغا زور ياردىمى بولىدۇ.
بىرىنچى قانۇنىيەت- مەبلەغنى ئىلمىي تەقسىملەپ، قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش. كىرىمى بىر قەدەر يۇقىرى قوش مائاشلىق ئائىلىلەردە، ئۆينىڭ ياش ئايال خوجايىنلىرى ئىچىدە ھەدىسىلا چوڭ ئۆيگە كۆچۈشنى، ئېسىل پىكاپ سېتىۋېلىشنى، چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشنىلا ئويلايدىغان، تۇرمۇشتىن ئامال بار ھۇزورلانسام دەپلا يۈرىدىغانلار يوق ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئاياللار باھاسى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا، ئەزالىق كېنىشكىسى بارلارغا قارىتىلغان ئانچە- مۇنچە نەپ بېرىش پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئامراق. ئەگەر بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ پۇل قاپچۇقىغا قارايدىغان بولسىڭىز بىر قانچە ئەزالىق كارتىسى، ئەزىز مېھمان كارتىسى قاتارلىق كارتىلارنى تاپالايسىز. ئۇلار چىقىمنى تېجەيمەن دەيدىيۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ ھاللاردا قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىپ، ئالغان نەرسىلىرى ئىشلىتىلمەي ئۆيدە بېسىلىپ تۇرىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇ نەق پۇلنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ھېسابات قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئائىلىسىنىڭ ئايلىق چىقىمىدا قايسىسى زۆرۈر، قايسىسىنى ئالسىمۇ- ئالمىسىمۇ بولىدۇ، قايسىسى قارىغۇلارچە ئىستېمالغا تەۋە، دىگەنلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئائىلە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش يۆلىنىشىنى چۈشۈنۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىستېمالنى ئازايتىپ، قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىشنى قەتئىي توختىتىشى لازىم.
ئىككىنچى قانۇنىيەت- پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، خالىغانچە كۆپ مەبلەغ سېلىشتىن ساقلىنىش. ئائىلىدە پۇل كۆپىيىپ، مەبلەغ سېلىش يوللىرى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيسىمۇ، ئاياللاردا ئىستېمال قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە باشقىلارغا ئەگىشىش خاھىشى مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى پەرز قىلىش تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ۋاقىت چىقىرىپ پۇل مۇئامىلە ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئائىلە مەبلىغى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئائىلە مەبلىغىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، ئائىلىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتىنى تاللاپ مەبلەغ سېلىشى لازىم.
ئۈچىنچى قانۇنىيەت- ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش. ئادەتتە ئاياللار ئەرلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بۇ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ھەقىقەت. دۇنيا ئاھالىسى سىتاتېستىكا جەدىۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ %44.8 نى ئەرلەر، %55.2 نى ئاياللار ئىگىلەيدىكەن. 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ بولسا %65.4 نى ئاياللار تەشكىل قىلىدىكەن. كۆپ قىسىم ئاياللار ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىلىرىدە، ئاز بولغاندا بىر قانچە يىل، كۆپ بولغاندا 10 نەچچە يىل ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى چىقىشىغا توغرا كېلىدىكەن. دېمەك، ئاياللار ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
ئاياللار مەبلەغ يېتىشكەن ئەھۋالدا، سودا خاراكتېرلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ سېلىشى كېرەك. مەسىلەن، ئامانلىق ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ "بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈش" مەھسۇلاتىغا ياش ۋاقىتلىرىدا ئېيىغا مۇۋاپىق سوممىدا مەبلەغ سالسا، پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن يىلىغا ياكى ئېيىغا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھەققى ئالالايدۇ. بۇنداق قىلغاندا ياشقا چوڭايغاندا كۈتۈنۈش فوندىدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.
مەنبە : دۇلدۇل تورى (تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |