نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت > ئىقتىساد > ئىقتىساد خەۋەرلىرى >

ئامىركىلىقلار 2011-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ۋاقتى:2011-10-25 18:33مەنبەسى:نۇر خەۋىرى ئاپتۇرى:پۇلدار كۆرۈلۈشى:قېتىم
شىنلاڭ تورىنىڭ 10-ئۆكتەبىر كەچتە ئۇچۇر بېرىشىچە، شىۋېنتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شۇ كۈنى سائەت 19:00 دە 2011-يىللىق نوبېل ئىقت

شىنلاڭ تورىنىڭ 10-ئۆكتەبىر كەچتە ئۇچۇر بېرىشىچە، شىۋېنتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شۇ كۈنى سائەت 19:00 دە 2011-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىنى ئېلان قىلغان. ئامىركىلىق ئىقتىسادشۇناس، نىيويۇرك ئۇنۋىرسېتىتىنىڭ پروفېسسورى توماس سارجىنت (THOMAS J. SARGENT) ۋە پىرىنسىتون ئۇنۋىرسېتىتىنىڭ پىروفېسسورى كىرىستوف سېمىس (Christopher A.Sims) ماكرولۇق ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسەتكەن تەتقىقاتى ئۈچۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
تۆۋەندىكىسى نەق مەيدان يېزىق خاتىرسى:
رىياسەتچى: ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز. بىز بۈگۈن 2011-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىمىز!
ئىلگىركىگە ئوخشاش بىز ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئاندىن مۇكاپات تارقىتىمىز، ئاخىرىدا بىز يەنە سوئال – جاۋاب قىلىشقا ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىمىز، ھەرقايسى مۇخبىرلار قانداقلا تىل بىلەن سۇئال سورىسا بولىدۇ.
بۈگۈن كەلگەن مېھمانلاردىن نىيويۇرك ئۇنۋىرسېتىتىدىن كەلگەن پىروفېسسورى توماس سارجىنت بىلەن پىرىنسىتون ئۇنۋىرسېتىتىنىڭ پىروفېسسورى كىرىستوف سېمىس بار. ھازىر سېۋىتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ھەممەيلەن تەقەززا بولغان 2011-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنى قارار قىلدى. بىز بۇ مۇكاپاتنى نىيويۇرك ئۇنۋىرسېتىتى بىلەن پىرىنسىتون ئۇنۋىرسىتىتىدىن كەلگەن ، بىز يۇقىردا تىلغا ئالغان پىروفېسسورلار توماس سارجىنت بىلەن كىرىستوف سېمىسقا بېرىمىز. ئۇلار ماكرولۇق ئىقتىسادقا قالتىس تۆھپە قوشتى، تۆۋەندە بىز ئۇلار توغۇرلۇق ئازراق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىمىز.
بايانات: بۇ ئىككى پىروفېسسورنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادقا قوشقان ئاساسلىقى تۆھپىسى شۇكى تەبىئىي پەن ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش تەس بولغان ئىقتىسادى تەرەققىيات جەريانىدا يولۇقىدىغان مەسىلىلەرگە مىقدارلىق ئانالىز ئارقىلىق جاۋاب بەردى. تارىخقا نەزەر سالساق ، تارىخنىڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايرىلالمايدىغانلىقىن بايقايمىز. كىشىلەر مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىق ئارقىلىق تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىىلەر ئېلىپ كەلگەن تەسىرلەرنى چۈشەندۈرمەكچى بولدى، لېكىن ئۇلار بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ بىزگە قانداق ئۈمىدلەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىى دەپ بېرەلمىدى.
پىروفېسسور توماس ماكرولۇق ئىقتىسادتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشەندۈرۈشتە ناھايىتى زور تۆھپە كۆرسەتتى. بىز ئۇنىڭ تەتقىقاتىدىن دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تەسىرىنى ، باھانىڭ تويۇقسىز ئۆزگىرىشى ياكى تەمىنلەشتە توساتتىن يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشى قاتارلىق باشقا ئامىللار ئېلىپ كەلگەن تەسىرلەرنى بايقىيالايمىز ۋە چۈشىنەلەيمىز. پىروفېسسور توماسنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئۆلچەش ئۇسۇلى، يەرشارىدىكى ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

(تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان)
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يوللاش
ئىنتىرنېت تور قانۇنىغا خىلاپ ئىنكاسلارنى يوللىماڭ!
باھا بېرىڭ:
ئەزا:
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار بارلىق ئىنكاس>>
سەھىپىلەر
تېما يوللىغۇچى
پۇلدار تەپسىلىي ئارخىپ سۆز قالدۇرۇش دوسىتلىشىش دەرىجىسى:بېكەت خادىمى تىزىملاتقان ۋەقتى:2010-09-22 22:09 كىرگەن ۋاقتى:2011-11-13 18:11