ئىككىلەمچى كىرزىس ھەل قىلىنىپ بولماي تۇرۇپ، قەرز كىرزىسى يېتىپكەلدى
پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئۈچ يىللىقى
2008-يىلى 15-سېنتەبىر، لېيمان ئاكا-ئۇكىنىڭ ۋەيران بولىشىغا ئەگىشىپ، بىر مەيدان «يۈز يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان» مالىيە ۋە ئىقتىسادى كىرزىس ئامېرىكىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئىقتىسادى گەرچە چېكىنىشتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، بىراق قايتا گۈللىنىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستا بولماقتا. نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ بۇ قېتىمقى قايتا گۈللىنىشى ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە جاپالىق بولۇپ، پايچېكلارنىڭ قىسقا مەزگىلدە «ئىككىنچى قېتىم شىددەت بىلەن تۆۋەنلەش» ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى دەپ قارىدى. ياۋرۇپا قەرز كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا گۈللىنىشى بارغانسېرى ئۈمىدلىنەرلىك بولمىدى.
ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئومومىيۈزلۈك ئاستا بولدى
ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتا گۈللىنىش ۋەزىيىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا ئاستىلىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئىش بولۇپ قالدى. ئەڭ ئاۋۋال، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش كۆرۈلمىدى، تېخى توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ 2-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئايلىق دېھقانچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋغۇستتا ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئورنى نۆل بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا يەنى %9.1 لىك سەۋىيەدە بولغان.
ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادى كىرزىس كېلىپ چىقىشىنىڭ تۈپ يىلتىزى بولغان ئولتۇراق ئۆي بازىرىدا يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىدى. يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن، بازارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىگىلىگەن كونا ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولماقتا، يېڭى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى ۋە ئىش باشلىشىمۇ كىشىنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. گەرچە ئۆي باھاسى يىل بېشىدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن ئاز-تولا ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بىراق بىر يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەنلەش يەنىلا چوڭ.
ئۈچىنچىدىن، ئىزچىل ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە باشچىلىق قىلىۋاتقان ياسىمىچىلىق كەسپىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن قالغاندەك قىلاتتى. ھەتتا تۆۋەنلەش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىدى. يېقىندىكى بىر تۈركۈم سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، نيۇيورك، فىلادىلفىيە قاتارلىق ئاساسلىق ياسىمىچىلىق كەسپى رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى كېڭەيتىشتىن قىسقارتىشقا ئۆزگەرگەن.
بىردىنبىر خۇشاللىنارلىق خەۋەر شۇكى، ئامېرىكا ئومومىي ئىقتىسادىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدىغان ئاھالىلەر ئىستىمالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلدى. ئەڭ يېڭى دوكىلاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، ئىستىمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا بولغان يۇقىرى ئېھتىياجى تۈپەيلى، ئىيۇندا ئامېرىكا ئاھالىلەر ئىستىمال خىراجىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۆسۈپ، 5 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.
ئەمما، ئىستىمال خىراجىتى داۋاملىق ياخشىلىنامدۇ-يوق بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. دۇنيا چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاۋغۇستتىكى ئىستىمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.
پۇل سىياسىتىنىڭ ئۈنۈم كۆرسىتىشى قىيىن بولماقتا
ئىككىلەمچى كىرزىستىن بۇيان، ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئارقا-ئارقىدىن «قۇتقازغۇچى» رولىنى ئۆتىدى. ئەمما، بۇ قېتىم فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىشلەتمىگەن ئۇسۇلى قالمىدى. گەرچە يېڭى تۈركۈمدىكى مىقدار بەلگىلەپ كەڭ قويۇۋېتىدىغان پۇل سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ئىقتىسادى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئەھۋالنى ھەل قىلالمىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئىقتىسادىنى نازارەت قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇڭ پىڭفەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر QE2 يولغا قويۇلغاندا، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىق سەۋىيىسى ئاران %1 تە بولۇپ، ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بەلگىلىگەن %2 لىك نىشاندىن تۆۋەن بولغانىدى، 10 يىللىق دۆلەت قەرزىنىڭ پايدا نىسبىتى %3.5 بولغانىدى. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مىىقدارلاشقان كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتى ئارقىلىق ئىككى خىل مەقسەتكە يەتمەكچى: بىرى، پۇل قىسقارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە بىرى، ئۇزۇن مەزگىللىك پايدا نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. بىراق نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى %3 تىن ئېشىپ كەتتى، 10 يىللىق دۆلەت قەرزىنىڭ پايدا نىسبىتى %2.1 ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يەنە بىر قېتىم كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنى غىدىقلاش مەقسىتىگە يېتەلىشى قىيىنغا توختىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ قايتا گۈللىنىشىنىڭ ئاستىلىشىىشىدەك رىئاللىق مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق كەڭ قۇيىۋېتىش سىياسىتىنىڭ رولىنى ئىنكار قىلدى.
بەزى كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق تەھلىل قىلدى: ئەگەر ئامېرىكا ئىقتىسادى داۋاملىق ئاستىلاشسا، ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ياۋرۇپا ۋە ياپۇنىيە مەركىزىي بانكىسىغا ئوخشاش، يەنە بىر قېتىم بازارغا بىۋاستە ئارىلىشىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئامېرىكا ئىقتىسادى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان بىر مەزگىل ئىچىدە يەنىلا قايتا گۈللىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولىشىنى ساقلىشى مۇمكىن.
مالىيە سىياسىتى ئىككى خىل قىيىنچىلىققا يولۇقتى
خۇڭ پىڭفەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىقتىسادى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە پۇل سىياسىتى مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى مالىيە سىياسىتى مەسىلىسى. پارلامېنت ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان مالىيە سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى غىدىقلاپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە قەرز سەۋىيىسىنى تۆۋەنلەتكەندىلا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ھەقىقىي قايتا گۈللەندۈرەلەيدۇ، بىراق پۇل سىياسىتى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىشى ناتايىن.
بىراق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى غىدىقلاش بىلەن مالىيە قىزىل رەقىمىنى تۆۋەنلىتىش نۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان بىر جۈپ ئەڭ چوڭ زىددىيەتلىك مەسىلە. بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارىغا تېخى قايتمىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ زور دەرىجىدە ياردەم بېرىشىگە مۇھتاج؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى كۆلىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىنىڭ %100 گە يەتكەن بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
ياۋرۇپا قەرز كىرزىسى
گېرمانىيە-فىرانسىيە بازارنى تىنىچلاندۇردى، ياۋرۇ-ئامېرىكا پايچېك بازىرى ئۆستى
گېرمانىيە-فىرانسىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى گېرىتسىيە ياۋرۇ رايونىدىن چېكىنىپ چىقمايدۇ دېگەن بايانغا قارىتا بازارنىڭ ياۋرۇپا قەرز كىرزىسىغا بولغان ئەندىشىسىنى پەسلەتتى. گېرمانىيە، فىرانسىيە، گېرىتسىيە ئۈچ دۆلەت رەھبىرى تېلىفۇن سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى ۋە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، 21-ئىيۇن ياۋرۇ رايونى گېرىتسىيە ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان قۇتقۇزۇش لاھىيەسىنى چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دېدى.
ياۋرۇپا پايچېك بازىرى 15-سېنتەبىردىن باشلاپ، يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى تەخمىنەن %1 ئۆستى. بېيجىڭ ۋاقتى 17:42 دە، ئەنگىلىيە FT100 كۆرسەتكۈچى 5296.89 پوئىنت بولۇپ، 69.87 پوئىنت ئۆرلىدى؛ فىرانسىيە CAC40 كۆرسەتكۈچى 3000.55 پوئىنت بولۇپ، 51.41 پوئىنت ئۆرلىدى، ئۆسۈش نىسبىتى %1.74 بولدى؛ گېرمانىيە DAX30 كۆرسەتكۈچى 5432.82 پوئىنت بولۇپ، 92.63 پوئىنت ئۆرلىدى، ئۆسۈش نىسبىتى 1.74 بولدى.
ئامېرىكا پايچېك كۆرسەتكۈچى زاكاز مېلى يۇقىرى ئۆرلەپ، ئامېرىكا پايچېكىنىڭ يۇقىرى قىممەتتە لېيمان ئاكا-ئۇكا شىركىتى ۋەيران بولغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. ئامېرىكا شەرقى ۋاقتى 15-سېنتەبىر سائەت 8:46 دە، دوۋجونىس سانائىتى ئوتتۇرىچە كۆرسەتۈچى زاكاز مېلى 17 پوئىنت ئۆرلىدى، ئۆسۈش نىسبىتى %0.15 بولدى؛ ناسىداك 100 كۆرسەتكۈچى زاكاس مېلى 14 پوئېنىت ئۆرلىدى، ئۆسۈش نىسبىتى %0.62 بولدى؛ سىتاندارت-پۇر500 كۆرسەتكۈچى زاكاس مېلى 4.8 پوئىنت ئۆرلىدى، ئۆسۈش نىسبىتى %0.41 بولدى.