ستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى نېمە ئۈچۈن تەس؟
ۋاقتى:2011-11-14 00:16مەنبەسى:ئىگىلىك تورى ئاپتۇرى:يىلتىز كۆرۈلۈشى:قېتىم
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ستۇدېنتلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىي تەپەككۇرى، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدا بەزى ستۇدېنتلار ئىلغار ئىجا
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ‹‹ستۇدېنتلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىي تەپەككۇرى، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى››دا بەزى ستۇدېنتلار ئىلغار ئىجادىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلارنىڭ بەزى سودا لايىھىلىرى شەكىل جەھەتتە كەسپىي كارخانىلارنىڭ لايىھىلىرىدىن مۇكەممەل تۈزۈلگەن. ۋەھالەنكى، باھالىغۇچىلار: نۇرغۇن ستۇدېنت لايىھە تۈزگەندە، دانا پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولمىغان بۇنداق لايىھىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ، دېگەن.
ستۇدېنتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى تەشەببۇس قىلىش زۆرۈر ھەم ئۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن، ستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئاسان ئەمەس. ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسى بار ستۇدېنتلار تەييارلىقى بولۇشى، كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلىگەندىن سىرت، جەمئىيەتنى چۈشىنىشى، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇشى كېرەك.
ئىجادىي تەپەككۇر بىلەن ئىگىلىك تىكلەش مەنە جەھەتتىن ئوخشاشمايدۇ. ئىجادىي تەپەككۇر مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولۇشنى، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقەت قىلىش ئۈچۈن بازارنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك. بۇنىڭغا دەرسخانىدا ئۆگەنگەن بىلىملەرگە تايىنىپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىي بويىچە ماگىستېر(MBA) تەربىيىلەشكە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بەزى ئالىي مەكتەپلەر ستۇدېنتلارنى كارخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، تىپىك مىساللارنى تاللاپ كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىشقا، كۆپلەپ ئەمەلىي مەشىق قىلىشقا تەشكىللەپ، نۇرغۇن ئىختىساسلىق خادىمنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.
ئالىي مەكتەپلەر كەسكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىگە ئەمەلىي ئوقۇتۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ. مەسىلەن: ھازىر مۇھىت ئاسراش كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇۋاتقاچقا، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ مۇھىت قۇرۇلۇشى كەسىپلىرىنى تەسىس قىلدى. بۇلغىما، زىيانلىق گازلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەتلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرى ئارىسىدا پەرق زور، بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىلىم ۋە تېخنىكا بولۇشى كېرەك. لېكىن بەزى ئالىي مەكتەپلەر تەسىس قىلغان مۇھىت قۇرۇلۇشى كەسپىنىڭ ئېنىق نىشانى يوق، ستۇدېنتلار ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن ئىلگىرى سىستېملىق پراكتىكا قىلمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ستۇدېنتلارنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەسلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مائارىپ ساھەسىنىڭ ۋەزىپىسى. مائارىپىمىزدا بىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە سەل قاراش خاھىشى مەۋجۇت. بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىشكە، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلاردا ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە ‹‹خەلقئارالىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەن – تېخنىكا مۇسابىقىسى››غا قاتناشقانىدىم. دىققەت قىلىشىمچە، تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان تۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى بايقىغان، ئۆزلىرى تاماملىغان تۈرلەر ئىكەن. ئېلىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بولسا تېرەن نەزەرىيىگە تايىنىدىغان تەتقىقاتلار ئىكەن. باھالىغۇچىلار بۇلارنى: ‹‹بۇنىڭدا چوڭلارنىڭ تەسىرى بەك زور ئىكەن››، دېگەن.
(تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |
------分隔线----------------------------