نۇرغۇن دوستلار توردا مال سېتىۋىلىشنى خالىسىمۇ بىراق توردىن قانداق پۇل تۆلەش مەسلىسىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ،تۆۋەندە مەن توردىن مال سېتىۋىلىش جەريانىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن...
توردىن مال سېتىۋىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كارتىڭىزنىڭ تور بانكا (网上银行) كەسپىنى ئاچقۇزىشىڭىز كېرەك،ئادەتتە تور بانكا كارتىلىرىنى ھەممە بانكىلاردا بىجىرگىلى بولىدۇ ، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەلۇم بانكىغا بىرىپ تور بانكا كارتىسىنى بىجىرىڭ ...
....................................
مەن تۆۋەندە سىلەرگە جوڭگۇ سودا سانائەت بانكىسىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرەي .... (باشقا بانكىلارنىڭمۇ ئادەتتە سودا سانائەت بانكىسغا ئوخشاش)
جوڭگۇ سودا سانائەت بانكىسىنىڭ تور بانكا كەسپىنىڭ تۈرى ئادەتتە ئۈچ خىل بولۇپ :
1. U دىسكا (U盾) :بۇ كارتىنى ھەر قانداق ئابونىت بىجىرەلەيدۇ ...
ئالاھىدىلىكى : بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ، توردا سودا قىلىش پۇل سانى چەكلىمىسى يوق ،بارلىق تور بانكا مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمان بولالايسىز ..
بىجىرىش باھاسى : 58~60 يۈەن ..
بۇ تۈردە بانكا سىزگە 1 دانە U دىسكا بىرىدۇ ، سىز ئۇ دىسكىنى بىۋاستە كومپىيۇتۇرىڭىزنىڭ USB چاتقۇچ يىرىگە چىتىپ بىمالال مەشغۇلات قىلالايسىز ، ئەلۋەتتە بەزى تورخانىلاردا بىخەتەر بولماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكى بەزى قارا نىيەتلىك كىشلەر كومپىيۇتۇرغا بەزى بىر 木马,漏洞 دىگەندەك ۋىروس خارەكتىرلىك دىتاللارنى قاچىلاپ قويۇپ سىزنىڭ دىسكىڭىزدىكى ماتىرياللاغا ئىرىشۋىلىپ پۇللىرىڭىزنى ئوغۇرلاش دىگەندەك يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ ، شۇڭا سىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ : سىز تورخانىلارغا كىرسىڭىز ئالدى بىلەن كومپىيۇتۇرنى قايتىدىن قوزغۇتۇپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭ .. ئەلۋەتتە بۇ تۈر ئۆيىڭىزدە ئىشلىتىشقا تولىمۇ مۇۋاپىق ...
2.تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) : بۇ كارتىنى پەقەت U كارتا (U盾) نى بىجىرمىگەن ئابونىتلار بىجىرەلەيدۇ .
ئالاھىدىلىكى : بىخەتەرلىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ،توردا مال سىتىۋىلىش ، ھىساۋات يۆتكەش ،توردا پۇل تۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇل سانى چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ ، پۇل سانى چەكلىمىسى :300 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشى كىرەك .
بىجىرىش باھاسى : ھەقسىز ...
ھەر بىر قىتىملىق سودا قىلىشىش پۇل نەرقى 300 يۈەننىڭ تۆۋىنىدە بولۇشى كىرەك ، سىز توردا بىر قىتىملىق سودىدا 300 يۈەن چەكلىمىسىدىلام پۇل تۆلەپ مال سىتىۋالالايسىز ياكى بولمىسا مال ساتالايسىز دىگەنلىك . ئەگەر سىز توردا بىر قىتىمدىلام 300 يۈەندىن يۇقىرى بولغان مالنى سىتىۋىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا ئۇنداقتا سىز ئاشۇ مالنى 300 يۈەندىن تۆۋەن ھالەتتە ھەسسىلەپ سىتۋالسىڭىز بولىدۇ ، مەسىلەن : 450 يۈەن قىممىتىدىكى مال بولۇپ قالسا سىز مال ساتقۇچىغا ئەھۋالنى ئىيتىپ كۆرىسىز ، مال ساتقۇچى: سىز ھەسسىلەپ ئالسىڭىز بولىدۇ ، دىگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭ مىلىنى 450 يۈەن قىممىتىدە ھەسسىلەپ سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر مال سىتىش توغرا كەلسە سىزمۇ ئالدى بىلەن توردا دۇككان ئىچىشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تورغا 1 يۈەنلىك دۇككان ئادىرىسى قۇرۇپ قويسىڭىز سىزدىن مال ئالىدىغانلار ئاشۇ 1 يۈەننى ھەسسىلەپ مال سىتىۋالسا بولىدۇ ، مەسىلەن: سىز 600 يۈەنلىك مال ساتسىڭىز ، مال سىتىۋالغۇچى ئاشۇ 1 يۈەنلىك دۇككان ئادىرىسقا كىرىپ 600 ھەسسىلەپ مال سىتىۋالسا بولىدۇ دىگەنلىك...
3.تىنىچ ھالەتتىكى مەخپى نۇمۇر (静 态 密 码): ئەگەر سىزنىڭ مۇنۇ بانكىنىڭ ئادەتتىكى كارتىسى بولسىلام بۇ كارتىنى پەقەت توردىلام ئۆز ئالدىڭىزغا بىۋاستە قىلالايسىز ، بۇ تۈرنى ئەلۋەتتە يۇقىرىقى ئىككى تۈرنى بىجىرمىگەن ئابونىتلارلام بىجىرىلەيدۇ .
ئالاھىدىلىكى :بىخەتەرلىك دەرىجىسى نورمال ئادەتتىكىچە ، مۇلازىمەت تۈرلىرى ئاز ھەمدە سودا قىلىش پۇل سانى چەكلىمىسىگە ئۇچۇرايدۇ ،ئابونىت ناھايىتى ئىھتىياتچان مەخپى نۇمۇرنى ئوبدان ساقلىشى كىرەك ، ئەگەر مەخپىي نۇمۇرنى ئوبدان ساقلىيالماي پۇلى ئوغۇرلىنىش قاتارلىق ئىشلارغا ئۇچۇرىسا بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىش كىرەك ..
بىجىرىش باھاسى : ھەقسىز ...
بۇ تۈر ناھايىتى ئاددى تۈر بولۇپ ، بۇ تۈرنى: ئۆزىڭىزنىڭ QQ سىنىڭ مەخپى نۇمۇرىغا ئوخشاتساق بولىدۇ ، سىزنىڭ مەخپىي نۇمۇرىڭىزنى بىرسى كۆرۈپ قالسىلام سىزنىڭ كارتىڭىزدىكى بارلىق پۇللار ئوغۇرلىنىپ كىتىشى مۇمكىن . شۇڭا بۇ تۈرنى ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئۇنداقتا تور بانكا (网上银行)كەسپىنى قانداق ئاچتۇرۇش كېرەك؟
سىز ئالدى بىلەن بانكىغا بىرىپ كارتىڭىزنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىسىز ،سىز چوقۇم بانكا خادىمىغا يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل كەسىپ تۈرىدىن قايسىسىنى بېجىرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىسىز.(بانكىغا كارتىڭىز ، كىمىكىڭىز ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ بېرىڭ ،ئەگەر سىزدە شۇ بانكىنىڭ كارتىسى بولمىسا ئالدى بىلەن كارتا بېجىرىسىز)،قالغان ئىشلارنى بانكا خادىملىرى سىزگە قىلىپ بېرىدۇ.
U دىسكا (U盾) نىڭ رەسىملىك كۆرنىشى:
<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) رەسىملىك كۆرنىشى :
مەن بۇ دەرستە 2- تۈر يەنى <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى بېجىرىش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى بىجىرىش ئۇسۇلى :
2006-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ بۇ تۈر يولغا قويۇلغان بولۇپ ئەگەر سىزنىڭ مۇشۇ بانكىنىڭ كارتىسى يەنى ئادەتىىكى كارتىسى بولسىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ھەمدە كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلىپ بىۋاستە بانكىغا بىرىپ <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ ..
بانكىدا <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار :
1. كىملىك نۇمۇرى ھەمدە ئىسمى چوقۇم سىز ئۆزىڭىزنىڭ بولۇشى كىرەك .
2. ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا بانكا خىزمەتچىللىرى سىزگە ئۆزىڭىز خالايدىغان مەلۇم بىر جۈملە خەنزۇچە سۆزنى مەلۇم بىر كاتەكچىگە قالدۇرۇپ قويۇشىڭىزنى ئىيتىدۇ ، سىز ئاشۇ قالدۇرغان جۈملە سۆزنى چوقۇم ئىنىق يادىڭىزدا تۇتۇۋىلىشىڭىز كىرەك ... چۈنكى سىز كارتىنى بانكىدا بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن بۇ كارتىنى يەنە توردا 激活 قىلىشقا توغرا كىلىدۇ ، 激活 قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ مۇنۇ كارتىنى بىجىرگەن كىملىك نۇمۇرى شۇنداقلا ئىسىم ھەمدە ھىلىقى كاتەكچىگە قالدۇرغان ئاشۇ جۈملە سۆزىڭىزنى قايتىلاپ ئەينى تولدۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ ، شۇڭا سىز يۇقىرىقى ئىككى جەھەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك ...
3. سىز كارتىنى قولىڭىزغا ئالغاندىن كىيىن چوقۇم سودا سانائەت بانكىسىنىڭ تورىغا چىقىپ 激活 قىلىشىڭىز كېرەك،يەنى سىز سودا سانائەت بانكىسىنىڭ تورىغا كىرگەندىن كىيىن 个人网上银行登录 دىگەن يەردىن سىز تور بانكا كەسپىنى ئاچتۇرغان بانكا كارتىڭىزنى تىزىملىتىسىز ھەمدە تور بانكىڭىزغا مەخپى نومۇر بېكىتىسز.
ئەسكەرتىش : بۇ يەردىكى تور بانكىڭىزغا ئورناتقان مەخپى نومۇر سىز نىڭ توردىن مال سېتىۋالغاندا ياكى تور ئارقىلىق ھىسابات ئىشلىرىنى بېجىرگەندە ئىشلىتىدىغان مەخپى نومۇر بولۇپ،سىزنىڭ بانكا كارتىڭىزنىڭ 6خانلىق مەخپى نومۇرى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىۋالماڭ.ھەمدە ھەرپ ئارلاشتۇرۇپ مۇرەككەپرەك بېكىتىڭ.
بانكا تورىغا تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ؛
بۇنىڭدا بۇ مەشغۇلاتنى كارتىنى بېجىرىپ بولۇپلا بانكا تىجارەت زالىدىكى مۇلازىمەت خادىملىرىغا 激活 قىلىپ بېرىشنى ئېيىتسىڭىز بولىدۇ.
<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى ئەمىليەتتە ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كىيىن سىز توردا بىمالال مال سىتىۋىلىش ، توردا پۇل تۆلەش ، توردا دۇككان ئىچىش ، توردا ئۆزىڭىزنىڭ كارتىڭىزدىكى ھىساباتتىن خالىغان دوستىڭىزنىڭ كارتا ھىساباتىغا پۇل يۆتكەش دىگەندەك نۇرغۇن ئالاھىدە مۇلازىمەتلەرگە ئىرىشەلەيسىز .
<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) ئەمىليەتتە بىر كوردىنات سىستىمىسى بولۇپ ، ئۇ كارتا سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىنچە A ھەرىپىدىن J ھەرىپىگىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تەرتىپ بويىنچە 1دىن 8 گىچە كوردىنات سىستىمىسىدىن تەشكىل تاپقان ... سىزنىڭ مۇنۇ كارتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق نۇقتا دەل ئاشۇ كوردىنات سىستىمىسىدىكى سانلار ..
مەسىلەن : سىز توردا مەلۇم بىر دوستىڭىزغا پۇل ھىسابات يۆتكىمەكچى ياكى مەلۇم مەھسۇلاتنى سېتۋالماقچى بولسىڭىز سىز ئالدى بىلەن ھىسابات يۆتكەش تورغا كىرىپ ئاشۇ دوستىڭىزنىڭ كارتا نۇمۇرى ، ئىسىم فامىلە قاتارلىق مەزمۇنلارنى توغرا يازغاندىن كىيىن ياكى سېتىۋالماقچى بولغان مالغا مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرغاندىن كىيىن جەزىملەش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك چىقىپ قالىدۇ :

بۇ كۆزنەكتىكى 支付卡号 دىگەن كاتەكچىگە تور بانكا كەسپىنى ئاچتۇرغان بانكا كارتىمىزنىڭ نۇمۇرىنى كىرگۈزىمىز،ئۇنىڭ ئاستىغا ئوڭ تەرەپتىكى تۆت خانىلىق تەستىق نومۇرىنى كىرگۈزۈپ 提交 نى باسىمىز،تۆۋەدىكى رەسىمدىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ:

بۇ كۆزنەكتىكى A3 B2 دىگەن دەل <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) ئۈستىدىكى كوردىنات سىستىمىسىدىكى ئۇرۇن بەلگىسى. سىز ئۇنى ھەرگىزمۇ 验 证 码 ئوخشايدۇ دەپ ئاشۇ ھەرىپ بىلەن ساننى قايتىلاپ يىزىپ قويماڭ ، مۇنداق خاتالىق ناھايىتى ئاسانلام يۈز بىرىدۇ ، شۇڭا سىز <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) ئۈستىدىكى كوردىنات سىستىمىسىدىكى A بىلەن 3 كىسىشكەن ئۇرۇننى سويۇپ ئاشۇ ئۇرۇندىكى 3 خانىلىق ساننى كۆزنەكتىكى بوش ئورۇنغا بىسىپ كىرگۈزۈڭ ھەمدە يەنە بىر B بىلەن 2 كىسىشكەن ئۇرۇننى سويۇپ ئاشۇ ئۇرۇندىكى 3 خانىلىق ساننى بوش ئورۇنغا بىسىپ كىرگۈزۈڭ. جەمىي 6 خانىلىق سان تەشكىل بولىدۇ ، ئەلۋەتتە كوردىنات سىستىمىسىدىكى ئۇرۇن بەلگىسىنى ئىنگىلىز تىلى تەرتىپى بويىنچە سولدىن ئوڭغا قاراپ ئوقۇيمىز ، ئەگەر سىز A3 B2 مۇنۇ ئۇرۇن بەلگىسىنى ئەكىسچە ئوڭدىن سولغا قىلىپ B2 A3 قىلىپ يىزىۋالسىڭىز خاتا دەپ چىقىۋالىدۇ خالاس .
A3 دىگەن ئۇرۇن بەلگىسىدە 136 ، B2 دىگەن ئۇرۇن بەلگىسىدە 135 دىگەن ساننى بىر لەشتۈرۈپ 136135 قىلىپ يازىمىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

ئەلۋەتتە تولدۇرغان سانىڭىز * شەكلىدە چىقىدۇ ..ئەسكەرتىش :ئوتتۇرىغا بوشلۇق قويۇلمايدۇ ...
电子口令卡 دىكى ماس كوئوردىنات سانىنى ماس كاتەكچىگە تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئاستىدىكى 网银登录密码 دىگەن كاتەكچىگە سىزنىڭ تور بانكا كەسپىنى بېجىرگەندە ئورناتقان تور بانكا مەخپى نومۇرنى كىرگۈزىسىز، ئاخىرىدا سىزنىڭ بۇ قىتىملىق ھىسابات يۆتكىشىڭىز ياكى پۇل تۆلىشىڭىز ئوڭۇشلۇق بولدى دەپ كۆزنەك چىقىدۇ .
كىيىنكى تىمىدا مەن كۆپچىلىككە U دىسكا (U盾) نىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن (تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |