تور بانكىسىنى ئاچقۇزۇشنىڭ نىمە رولى
ۋاقتى:2011-10-23 01:34مەنبەسى:گۈللىنىش تورى ئاپتۇرى:ئاتامان كۆرۈلۈشى:قېتىم
تور بانكىسى ئاچقۇزغاننىڭ نىمە رولى بار؟ تور بانكىسى ئاچقۇزغاندىن كىيىن قانداق مەشغۇلاتلارنى توردىلا ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ئەزىز دوستلار، يىقىنقى يىللاردىن بۇيان تور بانكىسى تۇرمۇشىمىزغا بارا-بارا سىڭىپ كىرىپ،تۇرمۇش ۋە خىزمەت شەكلىمىزنى بارا-بارا ئۆزگەرتمەكتە. شۇندقلا تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلمەكت. ئۇنداقتا تور بانكىسى ئاچقۇزغاننىڭ نىمە رولى بار؟
تور بانكىسى ئاچقۇزغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلاتلارنى توردىلا ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ:
1. بانكا ھىسابات كارتىسىدىكى پۇلنى تەكشۈرۈش،پۇلنى بىر كارتىدىن يەنە بىر كارتىغا يۆتكەش (يەنى پۇل سىلىش)... قاتارلىق مەشغۇلاتلار.
يەنى بۇ مەشغۇلاتلارنى بانكا ياكى پۇل ئىلىش ماشىنىسىغا بارماي تۇرۇپلا تور ئارقىلىقلا ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا بانكىغا بىرىش،ئۆچرەت ساقلاش قاتارلىق نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ ۋە ئىنتايىن قولايلىق؛
2. توردىن مال سىتىۋىلىش.
ھازىر توردىن مال سىتىۋىلىش چەتئەللەردىلا ئەمەس، ئىلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى،خەنزۇچىسى ياخشى ۋە توردىن يىتەرلىك پايدىلىنىشنى بىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا خىلىلا بەك ئوموملىشىپ كەتتى. چوڭ تىپتىكى توردىن مال سىتىۋىلىش تور پونكىتلىرى مالنىڭ سۈپىتى، سودىگەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ۋە مالنى ياقتۇرمىسا قايتۇرىۋەتسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، توردىن مال سىتىۋىلىشتا ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ھالبۇكى توردىن مال سىتىۋىلىشتا چوقۇم تور بانكىسىنى ئاچقۇزۇش كىرەك. چۈنكى پۇل تاپشۇرغاندا تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرىلىدۇ، ئەلۋەتتە 支付宝 غا ئوخشاش بەزى توردا پۇل تۆلەش ۋاستىلىرىدىن قوللانسىمۇ بولىدۇ، بىراق بۇنىڭ ھىساۋاتىغا پۇل قاچىلاشتا يەنىلا تور بانكىسىنى ئاچقۇزۇش زۆزۈر بولىدۇ؛
3. توردىن ئايروپىلان بىلىتى سىتىۋىلىش.
توردا ئايروپىلان بىلىتى سىتىۋىلىش ئىنتايىن قولايلىق ۋە ئايروپىلان بىلەت سىتىۋالىدىغان چوڭ تور پونكىتلىرىدا خۇددى توردىن مال سىتىۋىلىشقا ئوخشاشلا كاپالەتكە ئىگە،ئىشەنچلىك. بۇنىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىق:
بىرىنچىدىن: قولايلىق، ئايروپىلان بىلەت سىتىش ئورنىغا بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆيدە تۇرۇپلا بىلەت ئالغىلى بولىدۇ. كىملىك بىلەنلا ئايروپىلانغا چىققىلى بولىدۇ، پۈتۈن جەرياننى توردىلا قىلغىلى بولىدۇ؛
ئىككىنچىدىن: ئىزدەش دائىرىسى تىخىمۇ كەڭ بولىدۇ. ئايروپىلان بىلەت سىتىۋالىدىغان چوڭ تىپىتىكى تور پونكىتلىرىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى نۇرغۇنلىغان بىلەت سىتىش ئورۇنلىرىدىكى بىلەت باھاسى چىقىدۇ.
ئۈچىنچىدىن: كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئەرزان چىقىدۇ. ئالدىدا دىيىلگەندەك چوڭ تور پونكىتلىرىدا پۇتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى بىلەت سىتىش ئورۇنلىرىدىن بىلەت ئاختۇرىلىدۇ ۋە بىلەت باھاسى بويىچە رەتكە تىزىپ بىرىلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن بىرلا قىتىمدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى نۇرغۇن بىلەت سىتىش ئورۇنلىرىدىن بىلەت باھاسىنى ئۇقۇشقان ۋە ئەڭ ئەرزان بىلەتنى تاللىغانغا ئوخشاش بولىدۇ؛
تۆتىنچىدىن: ئاختۇرۇشتا تىخىمۇ كەڭ ئەركىنلىككە ئىگە بولىدۇ. يەنى بىر قانچە كۈن،بىر ھەپتە ھەتتا بىر ئاي ئىچىدىكى ئەڭ ئارزان بىلەت باھاسىنى ئاختۇرغىلى بولىدۇ. ئايروپىلان بىلەت سىتىش ئورۇنلىرىدىن سىتىۋالغاندا بولسا ئادەتتە كۆپىنچە ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.
دىمەك توردىن ئايروپىلان بىلەت سىتىۋىلىش تولىمۇ قولايلىق ۋە كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە.
4. تىلفۇنغا پۇل قاچىلاش
تور بانكىسى ۋە باشقا تىلفۇنغا پۇل قاچىلاش تور پونكىتلىرى ۋە دىتاللىرى ئارقىلىق مۇقىم تىلفۇن ۋە قول تىلفۇنغا توردا پۇل قاچىلىغىلى بولىدۇ. بەزىدە ھەتتا ئەرزان بولىدۇ،يەنى 49.50 تۆلەپ 50 يۈەن قاچىلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تور بانكىسى زۆرۈر بولىدۇ؛
5. توك،سۇ،گاز...پۇللىرىنى تاپشۇرۇش
بەزى بانكىلار تور بانكىسى ئارقىلىق توك،سۇ،گاز...پۇللىرىنى تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان، بەزى بانكىلار بولسا يولغا قويۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ ھەم كەلگۈسى زامانىۋى تۇرمۇشتىكى مۇقەررەر يۈزلىنش. بۇلار ئۈچۈنمۇ تور بانكىسى ئاچقۇزۇش زۆرۈز بولىدۇ؛
6. توردا قەغەز ئالتۇن سودىسى قىلىش.
7. توردا پاي چىكى سودىسى قىلىش.
8. توردا قەرەللىك مال سودىسى قىلىش.
9. توردا زايۇم،فوند،基金 ، سودىسى قىلىش.
10. باشقىلار.
(تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |
------分隔线----------------------------