تور بانكىسىدا مەشخۇلات قىلغاندا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك
ۋاقتى:2011-02-13 20:16مەنبەسى:ئىزچىلا توى ئاپتۇرى:يىلتىز كۆرۈلۈشى:قېتىم
تور بانكىسىدا مەشخۇلات قىلغاندا تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئادەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك . (1) تورخانا ۋە ئورتاقئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرلارد
تور بانكىسىدا مەشخۇلات قىلغاندا تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئادەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
(1) تورخانا ۋە ئورتاقئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرلاردا تور سودىسى قىلماسلىق .
(2) ئادىرېسنى تور كۆرگۈچكە بىۋاستە كىرگۈزۈش ، ھەقىقى ئادىرېسنى ساقلاپ (收 藏) قويۇپ ، كىيىن زىيارەت قىلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش .
(3) تور بانكىسىغا كىرگەندىن كىيىىن HTTPS نىڭ ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىنى ، تور كۆرگۈچنىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدە ئالتۇن رەڭلىك كىچىك قۇلۇپنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ، ئاشۇ قۇلۇپنى ئوڭ چېكىپ ئىسپاتنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش . ئەڭ ياخشىسى ئىسپاتتىكى ئادىرېسى بىلەن تور كۆرگۈچنڭ ئادىرېس كىرگۈزۈش ستونىدىكى ئادىرېسىنىڭ ماس يەكى ئەمەسلىكىنىمۇ تەكشبۈرۈش . ئەگەر مۇشۇلاردىن بىرى نامۇۋاپىق بولسا شۇئان تور بانكىسى مەشخۇلاتىنى توختىتىپ سەۋەبىنى ئېنىقلاش .
(4) تور بانكىسىدىن چىكىنگەندا بىخەتەر چىكىنىش (安 全 退 出) كونۇپكىسىنى بېسىپ چېكىنىش .
(5) تور بانكىسىنىڭ تىزىملىتىش پارولى بىلەن سودا قىلىش پارولىنى ئوخشاش قىلماسلىق ۋە تۇغۇلغان كۈن ، تېلفۇن نۇمۇرى ، كىملىك قاتارلىق تەرتىپلىك سانلاردىن تۈزۈلگەن پاروللارنى ئىشلەتمەسلىك . يەنە پات - پات پارولىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش .
(6) سودا خاتىرسىنى قەرەرلىك تەكشۈرۈپ تالون بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇش .
(7) ھەر قانداق ۋاقىتتا ھىسابات نۇمۇرى ۋە پارولىنى ئۆزى ساقلاش ، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەسلىك كېرەك . ھەر قانداق ئېلخەت ، قىسقا ئۇچۇر . تېلفۇن قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھىسابات ۋە پارول سۈرۈشتە قىلىش ھەركەتلىرىگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىك . ئەگەر ناتونۇشلارنىڭ پارولنى بايقاپ قالغانلىقىنى سەزگەن ھامان پارولنى ئۆزگەرتىش كېرەك . (تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |
------分隔线----------------------------