ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !بۈگۈنكى دەرسىمىزدە يېزائىگىلىك بانكىسىنىڭ تور بانكىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.ئالدى بىلەن يېزائىگىلىك بانكىسىغا بېرىپ K宝بىجىرىمىز ،بۇنىڭغا بۇرۇنقى كارتا بولسىمۇ ياكى يېڭىدىن بىر كارتا بىجىرسەكمۇ بۇلىدۇ.ئاندىن كومپىيوتېرنىڭ بارماق دىسكا سېلىش ئېغىزىغا سالىمىز ۋە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 我的电脑 دىن K宝 نىڭ سىن بەلگىسىنى قوش چەكسەك يېزا ئىگىلىك تورىغا ئاپتۇماتىك ئۇلىنىدۇ .
تۆۋەندىكىدەك يېزا ئىگىلىك بانكا تورىنىڭ باش بىتى ئېچىلغاندىن كىيىن ئاۋۇ 、安装دىگەن قىزىل بۇياپ قويغان خەتنى باسىمىز .
安装دىگەن خەتنى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ ،ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن 证书下载 دىگەن خەتنى باسىمىز.
، ئاندىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ،ئېچىلغان كۆزنەكتىن تۈۋەندىكىدەك كاتەكچە چىقىدۇ.بۇ كاتەكچىگە بىز بانكىدا كارتىمىزنىڭ تور بانكا مۇلازىمىتىنى ئاچقۇزغان چاغدا بانكا بىزگە بىر سانلىق مەلۇمات بار بولغان قەغەز بىرىدۇ ، ئاشۇ قەغەزدىكى ئىككى قۇر سان ۋە ھەرىپتىن تۈزۈلگەن ئۇچۇرلارنى بۇ يەرگە تولدۇرىمىز، ئاندىن ئاستىدىكى 提交 كۇنۇپكىسىنى باسىمىز .
ئاندىن ئىككىنچى قەدىمدە K宝 نىڭ قوزغۇتۇش دىتالىنى قاچىلايمىز،تۆۋەندىكى قىزىل بۇيالغان خەتنى بېسىڭ.
تۆۋەندىكىدەك سىزنىڭ K宝 غا ماس كىلىدىغان تۈرنى تاللاپ،ئاندىن ئاستىدىكى K宝驱动下载 دىگەن خەتنى باسسىڭىز بولىدۇ،ئۆزىڭىزنىڭكىگە ماس كىلىدىغان تۈرىنى چۇقۇم توغرا تاللاڭ.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك چۈشۈرۈش ئۇچۇرى چىقىدۇ ،ئوتتۇردىكى بۇيالغان خەتنى بېسىڭ .
تۈۋەندىكىدەك كومپىيوتىرغا چۈشۈرۈش ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىڭ،ۋە 保存 دىگەن خەتنى باسسىڭىز دىتال كومپىيوتېرغا چۈشىدۇ.
ئاندىن چۈشكەن دىتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ باش بىتىنى ئېچىڭ ۋە تۆۋەندىكى بۇيالغان خەتنى بېسىڭ .
ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن 证书登录 كۇنۇپكىسىنى تاللاپ كىرىسىز.
بۇ چاغدا K宝 نى كومپىيوتېرنىڭ بارماق دىسكا سېلىش ئېغىزىغا چاتقاندىن كىيىن تۈۋەندىكىدەك K宝 نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى كىرگۈزۈش ئۇچۇرى چىقىدۇ ،بىز بۇ يەرگە مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ 确定 كۇنۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ.
بۇ چاغدا بىز تۆۋەندىكىدەك تور بانكا ھىساۋاتىمىزغا كىرەلەيمىز ،ۋە پۇل يۆتكەش، قالدۇق سوممىنى تەكشۈرۈش...دىگەندەك ئىشلارنى قىلالايمىز .
(تەھرىرلىگۈچى:ئاتامان) |













